ياز پەسلىدە بوۋاقنى كۈتۈشتە نېمىلەرگە دىققەتقىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
تومۇز ئىسسىق ياز پەسلى مەيلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن بولسۇن ياكى ئانا ئۈچۈن بولسۇن بىر خىل سىناق ھېسابلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مۇھىت تېمپېراتۇرىسىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن. ئەگەر مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ ئوخشاشلا ئۆرلەپ، نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، قىزىش، سۇسىزلىنىش ھەمدە دۆلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياز پەسلىدە چوقۇم شامالدىتىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش كېرەك. ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بارلار ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى 25℃~20℃ ئەتراپىدا، نىسپىي نەملىكنى 60% ~ 50% تە كونترول قىلىش، ئەگەر ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىسا، ئېلېكتر شامالدۇرغۇچ بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، لېكىن ئېلېكتر شامالدۇرغۇچنى بوۋاققا بىۋاسىتە قارىتىپ قويماسلىققا دىققەت قىلىش ھەم يەرگە سۇ چېچىش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىپ نەملىكنى ساقلاشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە داۋاملىق بوۋاقنى يۇيۇپ، سۈرتۈپ تۇرۇش، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ بوۋاقنى ئىككى قېتىم يۇيۇش كېرەك.