ھامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش يەنە بالىياتقۇدىكى يېتىلىشى ئاستا بولۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېيىلىدۇ. تۇغۇلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش ھامىلە يېشىدىكى بوۋاقلار ئېغىرلىقىنىڭ ئونىنچى پىرسەنت بىرلىكىدىن تۆۋەن ياكى تەخمىنەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك پەرقىدىن تۆۋەن تۇغۇلغان بالىلارنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلغاندا ئېغىرلىقى 5.2 كىلوگرامغا يەتمىگەن بوۋاقلار يەنە تۆۋەن ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان بوۋاقلار دېيىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان، ئاي كۈن توشۇپ تۇغۇلغان ھەم كېيىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىدە ھامىلە يېشىدىن كىچىك بولۇش كۆرۈلىدۇ. تۇغۇلۇش مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. مەسىلەن: ھامىلە يېشى 38 ھەپتىلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 08.3 كىلوگرام، ئونىنچى پىرسەنت بىرلىكىدىكى ئېغىرلىقى 37.2 كىلوگرام، ئەگەر ئېغىرلىقى 37.2 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولسا، بۇ دەل ھامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئاي - كۈنى توشقان، ئەمما ئېغىرلىقى 5.2 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولسا ئاي - كۈنى توشقان كىچىك بوۋاق ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھامىلە يېشىدىن كىچىك بوۋاقلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى. ئاي - كۈنى توشقان كىچىك بوۋاقلار نورمال بوۋاقلاردىن ۋىجىك لېكىن تۇرقى نورمال بوۋاقلار بىلەن ئوخشاش، سۈتنى كۈچەپ سۈمۈرىدۇ، كۆپ ئېمىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسىلا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە نورمال بوۋاقلارغا يېتىشىۋالىدۇ. ھامىلە يېشىدىن كىچىك تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى بەزىلىرى ھامىلىدار ئايال يېشىنىڭ بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولۇشى، بەدىنىنىڭ پاكار، ۋىجىك بولۇشى، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارراق بولۇشىدىن، بەزىلىرى ئانىنىڭ بىرلەمچى يۈرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بولغانلىقتىن ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بالا ھەمراھى ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىدىن ھامىلە ئوزۇقلۇقىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى شۇنداقلا ھامىلىنىڭ ئۆزىدە تۇغما غەيرىيلىك ھەم خروموزوما بىنورماللىق قاتارلىق كېسەللىكلەر بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.