UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكومپيۇتېر خىزمەت قىلغاندا توك توختاپ قالسا بولامدۇ؟

كومپيۇتېر خىزمەت قىلغاندا توك توختاپ قالسا بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر <ئېلېكترونلۇق مېڭە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، ئېلېكتر مەنبەسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىنىشىگە ئېھتىياجلىق. ئەگەر توك بولمىسا، كومپيۇتېر ھېچ ئش قىلالمايدۇ. بىراق، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا، بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر تەسىرگە ئۇچرايد، ھەتتا ئىنتايىن چوڭ زىيان كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىۋاتقاندا توك توختاپ قالسا، توك كەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مەشغۇلاتلىرىنى ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ قايتىدىن ئېلىپ بېرىپ، يوقىلىپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىۋاشتىن تولۇقلىسىلا بولىدۇ. بىراق، بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا توك توختاپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ. مەسىلەن، كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان داۋالاش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاۋاتقان ۋاقىتتا، توك توختاپ قالسا، داۋالاشتا ئاۋرىگەرچىلىك كېلىپ چىقىدۇ؛ بانكا، ئاكسىيە بازىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىلىرىنىڭ تورلاشقان كومپيۇتېرىدا توك توختاپ قالسا، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ، زور ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلىدۇ؛ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قاتارىق ئالەم قاتنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي ئىشلار سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېرىدا توك توختاپ قالسا، ھادىسە پەيدا بولشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، توك توختاپ قالغان ۋاقىتتا، كومپيۇتېرنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان <ۋاقىتلىق ئېلېكتر مەنبەسى> بارمۇ؟ بار، بۇ خىل ئېلېكتر مەنبەسى UPS (ئۈزۈلمەس ئېلېكتر مەنبەسى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېلېكتر مەنبەسى تۇراقلىق بولمىغاندا ياكى توك توختاپ قالغاندا، كومپيۇتېرنى ئاپتوماتىك ھالدا توك بىلەن تەمىنلەپ، كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئادەتتە توك بىلەن تەمىنلەش نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان شەھەر، رايونلىرىدا، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلاردا UPS بولمىسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە