UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا نېمە ئۈچۈن كىيىمنى <ئالماشتۇرۇپ كىيدۈرۈش> كە بولمايدۇ؟

بالىلارغا نېمە ئۈچۈن كىيىمنى <ئالماشتۇرۇپ كىيدۈرۈش> كە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئەسلى تۇرمۇشتا، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان جىنستا تۇغۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئۆكۈنىدۇ، بالىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدا بۇ خىل ئۆگىنىشنى تولۇقلاش ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى ئارۇسىنى قاندۇرۇپ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئاتا - ئانىلار قىز پەرزەنتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان، بىراق ئەمەلىيەتتە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان بولسا، كېيىنكى بېقىش جەريانىدا ئۇلار چىرايلىق، گۈللۈك كىيىملەرنى بالىغا كىيدۈرۈپ ھەتتا چېچىنى ئۆرۈپ، بوغۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش بالىنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىن يېتىلىشىگە پايدىسىز. بالىلار تۇغۇلۇپ ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنى بىلمەيدۇ، كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرقىنى بىلىۋالىدۇ. تەخمىنەن بەش ياشقا كىرگەندە بالىنىڭ جىنسىي پەرقىگە بولغان تونۇشى ئېنىق ئايدىڭلىشىدۇ، بۇ جەرياندا چوقۇم بالىغا ئۆزىنىڭ جىنسىي پەرق جەھەتتىكى رولىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. بولمىسا بالىنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى پسىخىكىسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھەتتا ئوخشاش جىنستىكىلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم بالىنىڭ تەبىئىي جىنسىي پەرقىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، بالىغا جىنسىي پەرق ئالاھىدىلىكىنى تونۇتۇپ ۋە تەربىيە بېرىپ، بالىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا نېمە ئۈچۈن كىيىمنى <ئالماشتۇرۇپ كىيدۈرۈش> كە بولمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki