UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇ، قۇرۇقلۇق ، ھاۋادىن ئىبارەت ئۈچ خىل ترانسپورت شەكلىنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟

سۇ، قۇرۇقلۇق ، ھاۋادىن ئىبارەت ئۈچ خىل ترانسپورت شەكلىنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن ھازىرقى قاتناش شەكىللىرىدىن ئاساسلىقى تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە ۋە سۇ يولى ترانسىپورتى قاتارلىقلار بار. تاشيول ترانسىپورتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەرەققياتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان ترانسىپورت شەكىللىرىنىڭ بىرى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن ئاپتوموبىل ياساش كەسپىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشى تاشيول ترانسىپورتىنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭرى زامان ۋە ماكان بىلەن تەمىن ئەتتى. تاشيول ترانسىپورتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، تاشيول تورى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، ئاپتوموبىللار ئەركىن يول يۈرەلەيدۇ، مېڭىش سۈرئىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا. تاشيول ترانسىپورتىنىڭ يېتەرسىزلىكى، پويىز بىلەن پاراخوتقا سېلىشتۇرغاندا، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئېنېرگىيىنىڭ سەرپىياتى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. تۆمۈر يول ترانسىپورتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى توشۇش مىقدارى كۆپ، بىخەتەرلىكى ياخشى، بەلگىلەنگەن نۇقتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ. تۆمۈر يول ترانسىپورتى دائىم ئۇزۇن يوللۇق قۇرۇقلۇق ترانسىپورتىنىڭ ئاساسلىق قاتناش شەكلى بولۇپ كەلمەكتە. يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يول، كۆتۈرمە تۆمۈر يول قاتارلىق ھەر خىل تۆمۈر يول شەكىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، شۇنداقلا ماگىنىتلىق سۇسپېنزىيىلىك تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۆمۈر يول قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق ترانسىپورتتا ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلماقتا. ئايروپىلاننىڭ ترانسىپورت سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدۇ. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ھازىرقى ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدىكى دائىم تاللايدىغان بىر خىل ۋاستە بولۇپ قالدى. ئەمما ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر قەدەر كۆپ، ترانسىپورت سەرمايىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ. سۇ يولى ترانسىپورتىنىڭ سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولۇپ، ناچار كىلىماتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ توشۇش مىقدارى كۆپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ ئاز، توشۇش سەرمايىسى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن يوللۇق ترانسىپورتتا توشۇغاندا، باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغان كۆپ مىقداردىكى نەرسىلەرنى سۇ يولى ترانسىپورتى ئارقىلىق توشۇش بىر قەدەر مۇۋاپىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ساياھەت قىلغاندا، سەيلە پاراخوتىغا ئولتۇرۇش بولسا ئارام ئېلىش بىلەن ساياھەت قىلىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ناھايىتى ياخشى قاتناش قورالى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە