UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكالا ۋە قويلارنىڭ ئاشقازىنى ئالاھىدىمۇ؟

كالا ۋە قويلارنىڭ ئاشقازىنى ئالاھىدىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېزىلاردا بىز كالا ۋە قويلارنىڭ ئوت - چۆپ يېگەندىن كېيىن ئۇنى خۇددى مەڭگۈ چايناپ بولمايدىغاندەك خېلى ئۇزۇنغىچە توختىماي چايناۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە، كالا ۋە قويلارنىڭ قېرىنىنىڭ قۇرۇلمىسى باشقا ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ قېرىندا پەقەت بىر بۆلۈمچە بولىدۇ. كالا ۋە قويلارنىڭ قېرىندا تۆت بولۈمچەبولىدۇ. يەنى بىرىنچى بۆلۈمچە چوڭ قېرىن، ئىككىنچى بۆلۈمچە تورلۇق قېرىن، ئۈچىنچى بۆلۈمچە توققۇز تونلۇق، تۆتىنچى بۆلۈمچە شىرداندىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قېرىنىنىڭ سىغىمى ئەڭ چوڭ. كالا ۋە قويلار ئوت - چۆپ يېگەندە، ئوتلارنى چايناپ بولالماستىنلا يۇتۇۋېتىدۇ، بۇ بىرىنچى تەرتىپىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بولۇپ، يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت. يېمەكلىكلەر قېرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمچىسىگە، يەنى چوڭ قېرىنغا كىرىدۇ. چوڭ قېرىن ئىچىدە ھەزىم قىلىش بەزلىرى بولمايدۇ. يېمەكلىك چوڭ قېرىن ئىچىدە سۇ ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىغا چىلىنىپ يۇمشايدۇ، ئاندىن قېرىن ئىچىدىكى مىكرو ئورگانىزملار تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم قىلىنىدۇ، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاخىرلىشىدۇ، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاخىرلىشىدۇ. كېيىن يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقىغا كەلتۈرۈلۈپ كېلىپ ئىنچىكلىك بىلەن چاينىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇچىنىچى قېتىملىق پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاخىرلىشىدۇ. قايتىدىن چاينالغان يېمەكلىكلەر تورلۇق قېرىنغا يۆتكلىپ ئەڭ ئاخىرىدا شىردانغا كىرىدۇ. شىردان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇق بەزلىرىنى ئاجرىتىپ چىقارغاچقا، يېمەكلىكلەر شىرداندا تولۇق ھەزىم قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى تاماملىنىدۇ. كالا ۋە قويلارنىڭ ئارام ئالغان چاغلاردىمۇ توختىماستىن بىر نەرسىنى چاينىشى چوڭ قېرىن ئىچىدە ساقلانغان ئوت - چۆپلەرنى ئېغىز بوشلۇقىغا قايتۇرۇپ كېلىپ قايتىدىن چاينىشىدىن ئىبارەت. يۇتۇۋەتكەن يېمەكلىكلەرنى يېڭىۋاشتىن ئېغىزغا قايتۇرۇپ كېلىپل چاينايدىغان بۇنداق ھايۋانلار كۆشىگۈچى ھايۋان دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە