UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاشقا توغرا مۇئامىلە قىلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھەربىر ئاتا - ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ چىقىشى، ئۇرۇق - تۇغقان، تونۇش - بىلىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنى ئەقىللىق، ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى ئىكەن دەپ ماختىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلىرى يەنە ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناشنىڭ خىلمۇخىل سوئاللىرى ئارقىلىق بالىنىڭ ئىنكاسىنى سىناپ باقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە. ئاتا - ئانىلار چوقۇم بالىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش مەسىلىسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. ئالدى بىلەن، ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بولۇشى كېرەك. ئاتالمىش ئەقىل بۆلۈنمىسى: شەخسنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناش نەتىجىسى ۋە ئوخشاش ياشتىكى سىنالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندىكى نەتىجىنى. يەنى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ بۆلۈنمە سانىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا سىتانخورد ئالىي مەكتىپىدىكى پسىخولوگ تۇمانت ئەقلىي بۆلۈنمىسىنى ھېسابلايدىغان فورمۇلانى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەقلىي قابىلىيەت يېشى / فىزىئولوگىيىلىك يېشى 100 ×، نورمال بالىلارنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسى 110-90 غىچە بولىدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت بولسا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا ياكى ئۆزىڭىزگە ئەگىشىپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈچى، ئەستا ساقلاش ئىقتىدارى، كۆزىتىش ئىقتىدارى، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال قابىلىيەتتىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە بولغان باھا ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆلچەش (ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش)، جەمئىيەتتىكى ماسلىشىش قابىلىيىتىنى باھالاپ بېكىتىش (شەخسىي تۇرمۇش، شەخسىي تازىلىق ئادىتى) ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە بولغان باھا قاتارلىق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، نوقۇل ھالدا ئەقىل بۆلۈنمىسىنى خاتا ھالدا ئەقلىي قابىلىيەت دەپ چۈشەنمەسلىك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەقلىي بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاشنىڭ پايدا ۋە زىيىنىنى ئېنىقلاش كېرەك. ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش بولسا بىر خىل پەرق ئېتىش ۋاسىتىسى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىشىنى بايقاپ، مۇۋاپىق بولغان تەربىيە ئۇسۇلىنى يۈرگۈزگىلى بولىدۇ. چوڭلارنى ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى ياكى ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق ئەگەر نوقۇل ھالدا ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق بالىنى ئۆلچىمەكچى بولساق، ئەقىل بۆلۈنمىسى تۆۋەن چىققان بالىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىگە بولغان باھاسىغا تەسىر يېتىپ، پسىخىكا جەھەتتە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە