UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن شالغۇت سورت ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن شالغۇت سورت ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى يېزىلاردا نۇرغۇن دېھقان ئائىلىلەردە قېچىر دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چوڭ ھايۋان بېقىلىدۇ. بۇ خىل ئۆي ھايۋىنىنىڭ تېنى كۈچلۈك ھەم مەزمۇت، كۈچى زور. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىداملىق، بېقىش ئاسان. قېچىر بايتال ئات بىلەن ھاڭگا ئېشەكنىڭ ئارغۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن بارلىققا كەلگەن. قېچىر ئىگە بولغان بۇ ئارتۇقچىلىقلار بىئولوگىيىدە <شالغۇت ئەۋزەللىكى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىمۇ شالغۇت ئەۋزەللىكى ھادىسىسى بولىدۇ. كۆممىقوناقنى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە شالغۇت سورتتىن ئادەتتىكى سورتقا قارىغاندا 30 - 50 پىرسەنتكىچە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ئالغىلى، ھەتتا مەھسۇلاتنى بىر قاتلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى <زىرائەتلەر ئىچىدىكى قېچىر> دەپ ئاتاشتى. يەنە پاختىنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، بالدۇر پىشىدىغان قۇرۇقلۇق كېۋىزى بىلەن سۈپىتى ياخشى، تىۋىتى ئۇزۇن بولغان دېڭىز ئارىلى كېۋىزىنى چاڭلاشتۇرغاندا، شالغۇت سورتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دېڭىز ئارىلى پاختىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىپلا قالماستىن، بەزىدە قۇرۇقلۇق پاختىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ دېڭىز ئارىلى پاختىسىنىڭكىگە يېتىپ ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى بىر بالداق ئاشۇرغان. شالغۇت سورت نېمە ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ؟ بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر نەزەرىيە مەسىلىسى. بۇنىڭ ئادەتتىكى يېشىمى مۇنداق: ھەر قانداق ئىككى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك سورتىدا، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىرسىيەت ئاساسىي ئوخشاش بولمايدۇ، شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوخشاشمىغان ئىرسىيەت ئاساسىنى بىرلەشتۈرگەندە، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئىرسىيەت ئاساسى شالغۇت تېنىدە ئۆز ئارا رول ئويناپ، بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەۋلادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەۋلادتا روشەن ئەۋزەلىك بارلىققا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن شالغۇت سورت ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki