UyghurWiki
UyghurWikiنەمەخانقىزلارنىڭ ھەممىسىلا پايدىلىق ھاشاراتمۇ؟

خانقىزلارنىڭ ھەممىسىلا پايدىلىق ھاشاراتمۇ؟

نېمە ئۈچۈن خانقىز بەدىنى خۇددى يېرىم شارچىغا ئوخشىشىدىغان غەلىتە ھاشارات. خانقىز تىلغان ئېلىنسا، ھەممەيلەن ئۇ كۆپىت يېيىش مۇتەخەسسىسى، كۆكپىت بولسا زىرائەتلەرنىڭ كۈشەندىسى، شۇڭا خانقىز پايدىلىق ھاشاراتقا كىرىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما ھەممە خانقىزغا مۇنداق باھا بېرىشكە بولمايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىنسانلارنىڭ دوستى بولسىمۇ زىرائەتلەرگە زىيان سالىدىغان ئاز ساندىكىلىرىمۇ بار. ئۇنداقتا، قايسىلىرى پايدىلىق خانقىزلار ھېسابلىنىدۇ؟ مەسىلەن، دائىم ئۇچرايدىغان ئىككى چېكىتلىك ئادالىيە خانقىزى، يەتتە چېكىتلىك خانقىز ۋە چوڭ قىزىل ئۆتۈكچى قوڭغۇزلارنىڭ ھەممىسى كۆكپىت ۋە پوستلاق قۇرت (تراخېلوموناس) يوقىتىشقا ماھىر. زىيانلىق خانقىزلار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى 11 چىكىتلىك ئۆتۈكچى قوڭغۇز بىلەن 28 چېكىتلىك ئۆتۈكچى قوڭغۇز. ئۇلار زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى غاجىلاشقا ئامراق بولغاچقا، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. دۇنيادىكى خانقىزلارنىڭ تۈرى 4000 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇنداقتا قايسىسىنىڭ پايدىلىق، قايسىسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى قانداق پەرقلەندۈرۈلىدۇ؟ زوئولوگلار پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇنداق بىر ئاددىي ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن: ئومۇمەن قانىتى قاتتىق، ئىنچىكە، سىلىق ھەم پارقىراق بولسا، ئاساسەن پايدىلىق خانقىز ھېسابلىنىدىكەن. قانىتىنىڭ ئۈستىدە قويۇق يۇمشاق تۈكى بولسا، رەڭگى، چېكىتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆپىنچىسى زىيانلىق ھاشارات ھېسابلىنىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە