UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟

ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئەقلىي قابىلىيەت جەھەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە ئاساس سالىدۇ، ئىلگىرىكى ئاددىي، پاسسىپ، دوراش شەكلىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىش ماس كەلمەي قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئويلىنىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان، قاتنىشىش تۇيغۇسىدا بولىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئېچىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە، بالىلارغا غەلىبە تۇيغۇسى ۋە ئۆز - ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل ھېكايە سۆزلەش، رەسىملىك ژۇرنال كۆرسىتىش ۋە ھېسابلاشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، خىلمۇخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىپ، بالىنىڭ ئازادە مۇھىت ئىچىدە پەخىرلىنىش كەيپىياتى ئىچىدە يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە