UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئېگىز تاغ چېيىنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئېگىز تاغ چېيىنىڭ سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئېگىز تاغ چېيى چايلار ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق مەھسۇلات. بىر ئىستاكان ئېگىز تاغ چېيى ئىچسە ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، تاتلىق تەمى ئېغىزدىن كەتمەيدۇ. ئېگىز تاغ چېيىنىڭ ياخشى سۈپىتى ئۇنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىدىن كەلگەن. ئېگىز تاغ چېيى خۇاڭشەن تېغى، لۇشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تيەنمۇشەن تېغى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. ئۇ جايلاردا تاغ ئېگىز، ھاۋا شالاڭ، ھاۋا بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بۇ ھال چاي دەرەخلىرىنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇش رولىنى روشەن ھالدا تېزلىتىدۇ. بۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، چاي دەرەخلىرى يوپۇرماق بىخىدا بىر خىل قارشىلىق ماددىسى شەكىللىنىپ سۇنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق پارغا ئايلىنىشىنى توسىدۇ. بۇ خىل قارشىلىق ماددىسى چايدىكى خۇش پۇراق مايدۇر. ئېگىز تاغلاردا يەنە بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق كۈنىدە بۇلۇتلۇق ھاۋارايى بولۇپ، تاغ ئۈستىنى بۇلۇت قاپلاپ، قۇياش نۇرىنىڭ چېچىلىپ چۈشىدىغان ۋاقتى بىۋاستە چۈشىدىغان ۋاقتىدىن كۆپ بولىدۇ. شۇڭا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. چاي دەرىخى سايىگە چىداملىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئاجىز نۇر ئاستىدا ئۇ ياخشى ئۆسۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ چاي يوپۇرمىقىدىكى خۇش پۇراق ماددىلارنىڭ بىرىكىشىگىمۇ پايدىلىق. ئېگىز تاغ چېيىنىڭ پۇرىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنىڭ سىرى مانا شۇ يەردە. ئېگىز تاغ رايونىدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، بۇ چاينىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. كۈندۈزى چاي دەرەخلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ خېلى كۆپ ئورگانىك ماددا جۇغلايدۇ؛ كېچىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇپ، چاي دەرەخلىرىنىڭ نەپەسلەنگەن ۋاقتىدىكى ئوزۇقلۇق سەرپىياتىنى تىزگىنلەيدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چايدىكى تاننىن كىسلاتاسى، شېكەر ۋە خۇش پۇراق ماي قاتارلىق ماددىلار تېخىمۇ كۆپ توپلىنىدۇ. بۇ چاينىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېگىز تاغلارنىڭ تۇپرىقى يۇمشاق، تۇپراقنىڭ كىسلاتا - ئاساسلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرىغان شاخ، چۈشكەن يوپۇرماقلار كۆپ، تۇپراقتىكى چىرىندى ماددىلارنىڭ مىقدارى يۇقىرى. مانا بۇلار چاي دەرىخىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەمدە چاينىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە