ئەمچەكتىن ئايرىش باسقۇچىدىن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمچەكتىن ئايرىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلىدا نۇرغۇنلىغان ئامىللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئانا ۋە بالا پسىخىكا جەھەتتىن ماسلىشالىسا، ئەمچەكتىن ئايرىش جەريانى نىسبەتەن ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بالا بىلەن ئانىمۇ ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشقا ناھايىتى تېز ماسلىشىپ كېتىدۇ، بالىغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىشنى باشلىغاندا، بالا ئاستا - ئاستا سۈتتىن باشقا يېمەكلىككە ئادەتلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇماچ، يۇمشاق ئېزىلگەن تاماق، ئۈگرە، سەي شىرنىسى قاتارلىقلار. بالىغا چىش چىقىشقا ئەگىشىپ، ئاستا - ئاستا چايناشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ئەگەر بالا قوشۇمچە يېمەكلىككە ئادەتلىنىپ قالسا ۋە قوشۇمچە يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچانلىقى بولمىسا، ئاستا - ئاستا ئانىسىنى ئېمىش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ. ئادەتتە بالىنىڭ كىچىدە ئېمىشى ئازلايدۇ، چۈنكى ئەتىگەندە سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيىسى بىر ئاز يۇقىرى بولۇپ، ئاجرىتىلغان سۈتنىڭ مىقدارىمۇ نىسبەتەن كۆپ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا تاكى بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە ئېمىتىڭ. بۇ بىر تەبىئىي ئۆتكۈنچى جەريان بولۇپ، ئېمىش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ، يەنى بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى ئېمىشى ئارقىلىق غىدىقلاش پەيدا قىلىشى ئازلاپ، سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلارنىڭ سۈت ئاجرىتىشى ئازلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەمچەكتىن ئايرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.