UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپتا يەر ناھايىتى ئاز تەۋرەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپتا يەر ناھايىتى ئاز تەۋرەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دۇنيادا ھەر كۈنى نۇرغۇن قېتىم يەر تەۋرەيدۇ. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 12 مىڭ قېتىم ئىككى بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەيدىكەن، ھەر يىلى 100 قېتىم ئەتراپىدا 6.5 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش بولىدىكەن. بىراق مۇنداق بىر خىل غەلىتە ئەھۋالمۇ بار، يەنى يەر شارىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا يەر ناھايىتى ئاز تەۋرەيدۇ. بۇ زادى جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ رايونىنىڭ گىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى باشقا رايونلارنىڭكىگە ئوخشاشمىغانلىقتىنمۇ ياكى يەر پوستى ھەرىكىتى باشقا رايونلارنىڭكىدىن كۆپ ئەمەسلىكىدىنمۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار نۇرغۇن قېتىملاپ كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپتىكى گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدا يەر تەۋرىمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى غايەت زور مۇز قاتلىمىنىڭ بولغانلىقىدا دەپ قارىدى. جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى يىل بويى قېلىن قار - مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ، مۇز قاتلىمى قېلىن، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مۇز قاتلىمىنىڭ كۆلىمى شۇ رايون ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 80 - 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قېلىن مۇز قاتلىمى يەرنىڭ ئاستىنقى قىسمىغا ناھايىتى قاتتىق بېسىم چۈشۈرۈپ تۇرغاچقا، يەرنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئىزچىل ھالدا بىر خىل <ئۇيۇلچان> ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غايەت زور مۇز قاتىمى ۋېرتىكال ھالەتتە تۇرغاچقا يەر يۈزىگە قارىتا كۈچلۈك <يىغىلىش كۈچى> ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق يىغلىش كۈچى يەر قاتلىمىنىڭ ئچىكى قۇرۇلمىسىدا پەيدا بولغان يىغىلىش كۈچى يەر قاتلىمىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدا پەيدا بولغان يىغىلىش كۈچى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇپ، يەر پوستى قاتلىمىنى ئەگرى - بۈگرى ھالەتكە كېلىش ۋە قىسقىراشتىن ساقلايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، غايەت زور مۇز قاتلىمىنىڭ بېسىمى يەر قاتلىمىنىڭ ئچىكى قىسمىدىكى يەر تەۋرەشتىن كۈچىنى شەكىلسىز ھالەتتە ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە تارقاقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا يەر ناھايىتى ئاز تەۋرەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپتا يەر ناھايىتى ئاز تەۋرەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki