UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار مەزگىلدە زۇكام بولۇپ قالسا راستىنلا دورا يېمەسلىك كېرەكمۇ؟

ھامىلىدار مەزگىلدە زۇكام بولۇپ قالسا راستىنلا دورا يېمەسلىك كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئوڭاي زۇكام بولىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورا يېيىش قېتىم سانىمۇ تەبىئىيلا كۆپ بولۇپ، چوقۇم دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، دوختۇرنىڭ رېتسېپى بويىچە ئىش كۆرسە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاندىن خاتىرجەم ھالدا زۇكام دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. زۇكام دورىسى ياكى باشقا دورىلارنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش. 1. دورىنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىش، زۇكام دورىسىنىڭ تەركىبىنى بىلىپ، چوقۇم دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش، ۋىتامىنلىق دورىلار ۋە ئوزۇقلۇق دورىلاردىمۇ ئوخشاشلا دوختۇر قوشۇلغاندا ئاندىن ئىشلىتىش. ھېستامىنغا قارشى دورىلار (زۇكام دوىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دورىلىرىنىڭ بەزىلىرى غەيرىيلىك پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە. شۇڭا، خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 2. بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىلدىن ئارتۇق دورىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ: بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان تەقدىردىمۇ، بالدۇرراق ساقىيىشنى خىيال قىلىپ، ئىككى خىلدىن ئارتۇق دورىنى ياكى بەلگىلەپ بەرگەندىن ئارتۇق دورىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. يەنە، زۇكام دورىسى ۋە باشقا دورىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل دورىلارنىمۇ دوختۇرنىڭ رېتسېپى بويىچە تاللاش. 3. ئاغرىق توختىتىش دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بەزى ئاغرىق توختىتىش دورىسى، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنىڭ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى ۋە چوڭ بولۇشىغا تەسىرى بولىدۇ. ئۇنى زۇكام دورىسى ئەمەس، بىرەر قېتىم يېگەنگە ھېچنمە بولمايدۇ دەپ خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بۇ خىل دورىلارنىمۇ دوختۇرنىڭ رېتسېپى بويىچە تاللاش. 4. دورا يېمىسىمۇ خەتىرى بار: بەزى كىشىلەر <ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا يېمەسلىك> دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، دوختۇرنىڭ يېزىپ بەرگەن دورىسىنىمۇ يېمەيدۇ. ھامىلىدار بولۇپ تۆت ھەپتىدىن كېيىن ھامىلە ئەزالىرى ئاساسەن يېتىلىپ بولغاچقا، دورىلارنىڭ ھامىلىگە كەلتۈرىدىغان تەسىرىنىڭ ئازىيىشى كۆپ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئېھتىياجلىق بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى تۆت ھەپتىدىن يەتتە ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئاڭلىق ھالدا دورىلارنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، ئاندىن دىققەت قىلىشنى ساقلاپ تۇرماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە