يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى <ئۇۋۇلاش>نىڭ قانداقپايدىسى بار؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانا ۋە چوڭلار يۇمشاقلىق بىلەن، تەبىئىي ھالدا بوۋاقلارنىڭ يۈزى، دۈمبىسى، قول - پۇتلىرىنى سىيلاپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئەڭ ئاددىي، ئەڭ توغرا ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى. بوۋاقلارنى ئۇۋۇلاش ئاتا - ئانا بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئۇچرىشىش ھەم ئالاقە قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەم ئەقلىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ پايدىلىق. ئۇۋۇلاش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمىنى تېزلىتىش، مۇسكۇل چىڭقىلىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى، سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېغىرلىق ئېشىشنى تېزلىتىش قاتارلىق رولغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇۋۇلاشنىڭ يەنە بوۋاقلارنىڭ بىئاراملىقىنى ئازايتىپ، ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بار. غەربتە بىر خىل <پەپىلەش> ناملىق بوۋاقلارنى سىستېمىلىق ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئامېرىكىدا ھازىر بوۋاقلارنى كۈتۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان باسقۇچ بولۇپ قالدى. جۇڭخۇا بالىلار ئىلمىي جەمئىيىتى گۇرۇپپىسىنىڭ پۈتۈن دۆلەتتىكى 10 دوختۇرخانىدا ئېلىپ بارغان پەپىلەشنىڭ بوۋاقلار ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىنى تەكشۈرگەندە نەتىجە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەپىلەنگەن بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بىلەن پەپىلەنمىگەن بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يېتىلىشىنى كۆرسەتكۈچ سان 4.7 بولغان. بوۋاقلارنى ئۇۋۇلاش تېخنىكىلىق ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى، شارائىتى بار ئاتا - ئانىلار مەخسۇس تەربىيىلىنىشى، شارائىت ھازىرلىيالمىغانلار ئاڭلىق ھالدا بوۋاقنى كۆپرەك ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك.