خامېلېئون رەڭگىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشالايدىغان جانلىقلار ياشىيالايدۇ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك - تۈمەن ھايۋانلار ناچار تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇزاققا سوزۇلغان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەدرىجىي ھالدا ھەر خىل نىقابلىنىش ئۇسۇلىنى، يەنى يوشۇرۇن ئۇسۇلى، رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەرنى ئۆگىنىپ، بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئەتراپىدىكى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ كەلمەكتە.
بەزى ھايۋانلار بەدىنىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خامېلېئوننى مۇتەخسسىس دېيىشكە بولىدۇ.
خامېلېئون بىر خىل ئۆمىلگۈچ ھايۋان بولۇپ، ئادەتتە ئۇ دەرەخ شاخلىرىدا جىمجىت ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ تەلەتى سەت بولسىمۇ، لېكىن بىر كېچە - كۈندۈز ئىچىدە ئالتە - يەتتە خىل رەڭگە ئۆزگىرەلەيدۇ.
ئۇنداقتا، خامېلېئوننىڭ نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئالاھىدە رەڭ ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولىدۇ؟
ئەسلىدە، خامېلېئوننىڭ تېرىسىدەس بىر تۈگىمەس «رەڭ ئامبىرى» بولۇپ، ئۇنىڭدا قىزىل، قارا، سېرىق، كۆك، قوڭۇر دېگەندەك خىلمۇخىل رەڭ ھۈجەيلىرى ساقلانغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇياش نۇرى، تېمپېراتۇرا، نەملىك قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتى ئالىملارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغاچقا، ئالىملار ئۇنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىش ماھارىتىگە تەقلىد قىلىپ ھەم باشتىن - ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلىيالايدىغان بىر خىل ھەربىيچە كىيىمنى لايىھىلەپ چىققان. بۇ خىل ھەربىيچە كىيىم قۇياش نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بىر خىل خىمىيىلىك تالادىن تەركىب تاپقان رەختتىن تىكلىگەن بولۇپ، ھەربىيلەر ئۇنى كىيىۋېلىپ يوشۇرۇنغاندا باشقا يوشۇرۇنۇش چارىلىرىنى قوللىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق.