نېمە ئۈچۈن دورىلارنى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ئىچىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەم كېسەل بولغاندىن كېيىن، ئوكۇل ئۇرغۇزۇش، دورا يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. دورىنىڭ تۈرى (ئوكۇل، تابلېتكا، تالقان، شىرنە دورىلار) ۋە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە ئوينايدىغان رولى شۇنىڭدەك داۋالاش مەقسىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە پەيدا قىلىدىغان ناچار تەسىرى، قوبۇل قىلىش جەريانىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا دورا ئىچىش ۋاقتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
ئاسپىرىن (ئاسپىلىن)، بوتازولىدىن (باۋتەيسۇڭ)، ئىندومېتاتسىن (ياۋيەنتۇڭ)، دىفېنىل گىدانتوئىن، خلوروپرومازىن (لۈبىڭچىن) غا ئوخشاش ھارارەتنى پەسەيتىپ ئاغرىق توختىتىدىغان ۋە تىنچلاندۇرۇپ ئۇخلىتىدىغان دورىلار ۋە باشقا بەزى دورىلارنىڭ ئاشقازانغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىش رولى بولغاچقا، ئادەتتە تاماقتىن كېيىن 15 - 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاندىن ئىستېمال قىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازاندىكى يېمەكلىكنىڭ ياردىمىدە دورىنىڭ ئاشقازانغا بولغان تەسىرىنى يەڭگىللەتكىلى ۋە ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.
ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرغۇچى دورىلار، قۇۋۋەت دورىلىرى، پەي تارتىشنى داۋالايدىغان دورىلار، كىسلاتا پەيدا قىلغۇچى دورىلار، ئۆتكە پايدىلىق دورىلار، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدىغان دورىلار ئادەتتە تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىلىدۇ. بۇ دورىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيگە بولغان تەسىرى چوڭ بولمىغاچقا، تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىلسە، يېمەكلىكنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ، دورىنىڭ ئادەم بەدىنىدە تولۇق قوبۇل قىلىنىشىغا ۋە رولىنى تېز جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.
ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان پېپسىن بىرىكمىسى، ئامىلازا، سۇيۇق ئاشتۇزى كىسلاتاسىغا ئوخشاش دورىلار ئادەتتە تاماق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ، بۇ دورىلارنىڭ يېمەكلىك بىلەن تولۇق ئارىلىشىپ، ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.
بەزى ئۇخلىتىش دورىلىرى، قۇرت چۈشۈرۈش دورىلىرىنى ئۇخلاشتىن 15 - 30 مىنۇت ئىلگىرى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق؛ ئاغرىق توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش دورىلىرنى زۆرۈر تېپىلغاندا ئىچىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ياخشىلاش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؛ بەزى سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار ياكى سۈرگە دورىلىرىنى سەھەردە، ياكى كۈندۈزى ئىچىش كېرەك، بۇنىڭدا بىمارلارنىڭ كېچىسى تولا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈۋالماسلىقى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.