UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىز ئاي تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىزدىن ئاز بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىز ئاي تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىزدىن ئاز بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئاي شارى يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. يەر شارى بولسا يەنە ئاي شارىنى باشلاپ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ. كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇش بولسا يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ مۇشۇ ئىككى خىل ھەرىكىتىدىن بارلىققا كېلىدىغان بىر خىل ھادىسىدىن ئىبارەت. ئاي شارى ئايلىنىپ يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا كەلگەندە، ئۇ قۇياشنى توسۇۋالىدۇ - دە، كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ؛ ئاي شارى ئايلىنىپ يەر شارىنىڭ قۇياشقا كەينىنى قىلىپ تۇرغان تەرىپىگە كەلگەندە، يەر شارى قۇياشنى توسۇۋالىدۇ - دە، ئاي تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ. يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ ھەرىكىتى خېلىلا مۇرەككەپ بولغاچقا، بىر يىل ئىچىدە قانچە قېتىم كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇش يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق سان بويىچە بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بىر يىل ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم، بەزىدە ئۈچ قېتىم كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش قېتىم يۈز بېرىدۇ. ھالبۇكى ئاي تۇتۇلۇش يۈز بېرىدىغان پۇرسەت ئازراق بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن بىر - ئىككى قېتىم يۈز بېرىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئاران ئۈچ قېتىم يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن ھەر بەش يىل ئارىلاپ بىر يىلدا ئاي تۇتۇلۇش يۈز بەرمەيدۇ. كۈن تۇتۇلۇشنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ئاي تۇتۇلۇشنىڭكىدىن كۆپ تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كۈن تۇتلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىز ئاي تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىزدىن ئاز بولىدۇ؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەر قېتىم ئاي تۇتۇلغاندا، يېرىم يەر شارى دائىرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرەلەيدۇ، ئەمما كۈن تۇتۇلغاندا، پەقەت ئاي شارىنىڭ سايىسى چۈشكەن دائىرىدىكى كىشىلەرلا ئۇنى كۆرەلەيدۇ، بۇ بىر قەدەر تار بىر دائىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا پۈتكۈل يەر شارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر يىلى كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىش قېتىم سانى ھەقىقەتەن ئاي تۇتۇلۇشنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. ئەمما يەر شارىدىكى مەلۇم بىر جايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتى ئاي تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىدىن ئاز بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىز ئاي تۇتۇلۇشنى كۆرۈش پۇرسىتىمىزدىن ئاز بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki