نېمە ئۈچۈن لالما چاشقانلار ئۆزىنى دېڭىزغا ئېتىپ ئۆلۈۋالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
لالما چاشقانلار كىچىك تىپتىكى غاجىغۇچى ھايۋان بولۇپ، تۇرقى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە، لېكىن ئۇلارنىڭ توپ - توپ بولۇپ دېڭىزغا ئۆزىنى ئېتىپ <ئۆلۈۋالىدىغان> غەلىتە ئادىتى بار.
شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدە ياشايدىغان لالما چاشقانلار بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم چوڭ كۆلەمدە كۆچىدۇ. زور تۈركۈمدىكى لالما چاشقانلار ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىڭى، كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز مىڭى تاغ رايونىدىن سەپەرگە چىقىدۇ ھەمدە يول بويى يېگۈدەكلا نەرسە بولسا پاك - پاكىز يەپ تۈگىتىۋېتىدۇ. لالما چاشقانلار قوشۇنى دېڭىز ياقىسىغا كەلگەندە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى دېڭىزغا سەكرەپ غەرق بولۇپ ئۆلىدۇ.
لالما چاشقانلارنىڭ دېڭىزغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋېلىشنىڭ توغرا جاۋابى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق، لېكىن ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، لالما چاشقانلار قانۇنىيەتلىك ھالدا بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم زور كۆلەمدە توپلىشىدىكەن. ئېھتىمال بۇ لالما چاشقانلار زور كۆلەمدە كۆپىيىپ كېتىپ، ئوزۇق كرىزىسى كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن باشقا جايغا ئوزۇقلۇق ئىزدەشكە بېرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
لالما چاشقانلار سەپەر ئۈستىدە كۆل ياكى ئۆستەڭلەرگە دۇچ كېلىپ قالسا ئۈزۈپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىكەن. ئالىملار بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مۇنداق پەرەز قىلىشقان: لالما چاشقانلار دېڭىز بويىغا كەلگەندە، كۆز ئالدىدىكىسىنى ئۆستەڭ ياكى كۆل دەپ قالىدىكەن - دە، چاتاق يوق ئۈزۈپ ئۆتۈپ كېتىمىزغۇ دەپ قارايدىكەن، لېكىن بۇ خاتا ھۆكۈم ئۇلارنى پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىكەن.