UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارنىڭ باش قىسمىنى قانداق ئۇۋۇلاپ بېرىشكېرەك؟

بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىنى قانداق ئۇۋۇلاپ بېرىشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلىق دەۋرى ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزگىلى، بولۇپمۇ تۇغۇلۇپ بىر - ئىككى يىلدا چوڭ مېڭە تېز تەرەققىي قىلىدىغان بولۇپ، نىسبەتەن چوڭراق دەرىجىدە بوۋاقنىڭ كەلگۈسى ئەقلىي سەۋىيىسىنى بەلگىلەيدۇ. دائىم بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش باش قىسمىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوۋاقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. باش قىسمىنى ئۇۋۇلاشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى: 1. ئانا ئىككى قول بارمىقىنى ئەركىن ئېچىپ، بوۋاقنىڭ باش قىسمىنىڭ ئوڭ - سول تەرىپىنى يەڭگىل تۇتۇپ، ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقىنى ئايرىم - ئايرىم قاشنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن نۆۋەت بىلەن ئۈستىگە ئالدى ماڭلاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە ئاستا سىيرىپ بېرىش كېرەك. .2. ئىككى قول بىلەن بوۋاق باش قىسمىنىڭ ئوڭ - سول تەرىپىنى يەڭگىل تۇتۇپ، ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئالدى ماڭلاي مەركىزىدىن يەنى قاش ئەگمىسىنىڭ ئۈستى گىرۋىكىنى بويلاپ ئىككى تەرەپتىن تەيياڭ پەللىسىگىچە سىيرىپ بېرىش كېرەك. 3. ئىككى قول بىلەن بوۋاقنىڭ باش قىسمىنىڭ ئوڭ - سول ئىككى تەرىپىنىڭ كەينى تۆۋەن تەرىپىنى يەڭگىل تۇتۇپ، ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقى بىلەن تۆۋەنكى چاغ ئوتتۇرا قىسمىدىن ئۈستىگە قۇلاق ئالدىغىچە سىيرىپ بېرىش، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، ھەربىر ھەرىكىتىنى ھەر قېتىمدا ئالتە قېتىمدىن ئون قېتىمغىچە ئىشلەش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە