UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرسە بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرسە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈچ خىل سەۋەب بار: 1. رەڭلىك تېلېۋىزور نۇر دەستىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. گەرچە مىكرو ھالەتتىكى نۇر دەستىسىنىڭ ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانچە تەسىرى بولمىغان بىلەن، بىراق تۆرەلمىگە نىسبەتەن خەتىرى بار، رەڭسىز تېلېۋىزورنىڭ خەتىرى بولمىغاچقا، ھامىلىدار ئاياللارغا ئەڭ مۇۋاپىق. بىراق ھازىر رەڭسىز تېلېۋىزور كۆرىدىغان ئائىلىلەر بارغانسېرى ئازلاپ كېتىپ بارىدۇ، بىراق قىسقا ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرسە، ھامىلىدار ئاياللارغا تەسىر بولمايدۇ. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. 2. تېلېۋىزور يۇقىرى بېسىملىق ستاتىك ئېلېكترنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. رەڭلىك تېلېۋىزورنىڭ يۇقىرى ئېلېكتر بېسىمى 02000 ~ 30000 ۋولت بولۇپ، ئېكراندىن كۆپ مىقداردا مۇسبەت ئىئون تارقىلىدۇ. ئۇ ھاۋادىكى <ھاۋا ۋىتامىنى> دەپ ئاتىلىدىغان مەنپىي ئىئون بىلەن بىرلىشىپ، ھاۋانىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرسە، شەك - شۈبھىسىزكى بولمايدۇ. 3. تېلېۋىزور زەھەرلىك گازنى چىقىرىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ ئوچۇق ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تېلېۋىزورنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38℃ ~ 40℃ گرادۇسقا يېتىدۇ - دە، زەھەرلىك گازنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن: پولىبروم دىفېنل فۇران قاتارلىقلارنىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىدار ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرسە بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki