UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتوردىكى <قارا مېھمان> كىمنى كۆرسىتىدۇ؟

توردىكى <قارا مېھمان> كىمنى كۆرسىتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن توردىكى <قارا مېھمان> كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باشقىلارنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرىپ ئاخبارات ئىگىلەيدۇ ياكى پۇللىرىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلۋالىدۇ، بەزىلىرى توردا ۋىرۇس تارقىتىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن سىرلىق بولۇپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىكى <دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىللار> دۇر. ئامېرىكىدا، <قارا مېھمان> لار ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كومپيۇتېر سىستېمىسى بىلەن ھاۋا ئارمىيە كومپيۇتېر سىستېمىسىغا تاجاۋۇز قىلغان؛ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي بېتى <قارا مېھمان> لار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن؛ بىر بانكىنىڭ غايەت زور مەبلىغى <قارا مېھمان> لار تەرىپىدىن ئىنتېرنېت تورىدا يۆتكەپ كېتىلگەن. مەملىكىتىمىزدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان <قارا مېھمان> ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. مەسىلەن، 1998 - يىلى <قارا مېھمان> كۆپ قېتىم <شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى ئۇچۇر تورى> غا كىرىپ، بۇ توردىكى نۇرغۇن خىزمەتچى خادىم ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ ھېسابات نومۇرى بىلەن مەخپىي نومۇرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان؛ بىر جۈپ ئاكا - ئۇكا <قارا مېھمانلار> ئىچى - تېشىدىن ماسلىشىپ، سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىدن 260 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. <قارا مېھمان> لارنىڭ جىنايەت قىلمىشلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانىلارغا ئېغىر زىيان سېلىپ، غايەت زور زىيان پەيدا قىلىدۇ. كومپيۇتېر تورىنى بىخەتەر مۇھىتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە <قارا مېھمان> لارغا زەربە بېرىش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنىپ، <قارا مېھمان> لارغا زەربە بېرىش يۇمشاق ماتېرىيالى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنۋاتىدۇ. بۇنداق يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، <قارا مېھمان> لار يولسىزلىق بىلەن كىرگەن ۋاقتتا، ئۇلارنى دەرھال توسۇپ قالالايدۇ ھەمدە جىنايى قىلمىشلار يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە