سۈت يەتمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئانىلارغا كۆپلىگەن باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدۇ. بالىسىنىڭ تويماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، بالىغا يەنە كالا سۈتى بېرىدۇ، ئاخىرىدا ئانا سۈتىنىڭ ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئانا سۈتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ناھايىتى كۆپ، ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتمىسە، بالىنىڭ ئېمىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا بولغان غىدىقلىشى ئازلاپ كېتىدۇ ۋە سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىمۇ ئازلايدۇ ياكى بالىغا بالدۇرلا قايناق سۇ، سۈت پاراشوكى ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرسە، بالىنىڭ ئانا سۈتىگە نىسبەتەن قورسىقى ئېچىش تۇيغۇسى بولماي، سۈتكە بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئېمىشى ئاز بولغاندىن كېيىن سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ئەگەر ئانىسىنىڭ ئىشتىھاسى تۆۋەن بولسا، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىكمۇ سۈت ئازلاپ كېتىدۇ. يەنە ئانىنىڭ ئارام ئېلىشى ياخشى بولماسلىق ياكى روھىي ئامىل جەھەتتە غىدىقلىنىشى قاتارلىقلارمۇ سۈتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، سۈت تولۇق بولماسلىقنىڭ سەۋەبىگە زىت ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ، بالىنى تويغۇچە ئېمىتىش ھەربىر ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى