UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆي ھايۋانلىرىدىكى پارازىت قۇرتنىڭ ھامىلىگە تەسىـرى بارمۇ - يوق؟

ئۆي ھايۋانلىرىدىكى پارازىت قۇرتنىڭ ھامىلىگە تەسىـرى بارمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن ياسىمان قۇرت — مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بەدىنىدە بولىدىغان پروتوزوئا بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئىنسانلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ئىنسانلارمۇ يا شەكىللىك تەنچە كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ بىراق، چوڭلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياسىمان قۇرت يوشۇرۇن يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقتىن ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بارلىق كىشىلەر بۇ خىل كېسەل بىلەن بىلىپ - بىلمەي يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، بەختىگە يارىشا ئادەملەر بەدىنىدە بۇ خىل كېسەلگە قارشى ئانتېتلا بولغانلىقتىن ئۇنچىۋالا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق، ئەگەر بەدەندە ئانتېتلا كەمچىل بولسا، ھەم ھامىلىدار مەزگىلىدە يۇقۇملانغان بولسا، ھامىلىگە نىسبەتەن يامان تەسىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش ياكى ھامىلە قورساقتا تۇرۇپ ئۆلۈش قاتارلىق ئويلىمىغان ئىشلارغا سەۋەبچى بولۇپلا قالماستىن، كۆرۈش سېزىمى، كىچىك باش ئالامىتى، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ۋە مېڭە خاراكتېرلىك پالەچلىك قاتارلىق تۇغما نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ كېسەللىك ئاسارىتى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قاننى تەكشۈرتكەندە، ئەگەر ئاجىز تىپتىكى مۇسبەت بولسا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى بولۇپ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر كۈچلۈك مەنپىي بولسا، يېقىندا يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، دەرھال داۋالىنىش كېرەك. قىسقىسى، ھامىلىدارلىق ئېھتىمالى بولسا ياكى ھامىلىدار بولغان بولسا، ئىمكانقەدەر ئۆي ھايۋانلىرىدىن يىراق تۇرۇش، يەنى خام گۆش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، شۇنداقلا گۆش پىشۇرغاندا، قول چوقۇم پاكىز بولۇشى كېرەك. ياسىمان قۇرتنىڭ پروتوزوئامىن سۇلۇق، ئىسسىق ۋە قۇرغاق نەرسىلەرگە كەلگەندە ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرغاق يېمەكلىك ئەڭ بىخەتەر.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئۆي ھايۋانلىرىدىكى پارازىت قۇرتنىڭ ھامىلىگە تەسىـرى بارمۇ - يوق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki