قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى قانداق <خىزمەت> قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۇزاقتىن بېرى، ۋەقەگە ئۇچرىغان ئايروپىلان ۋە پاراخوتلار رادېئو دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان <SOS> قۇتقۇزۇش سىگنالى. ئەمما زامان، ماكان ۋە ئالاقىلىشىشتىكى توسالغۇ قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، دائىملىك رادىئو ئالاقىلىشىشى بىلەن دېڭىزدا ۋە ئالەم بوشلۇقىدا ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشكلى بولمايدۇ.
قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى بۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850 - 1000 كىلومېتىرغىچە بولغان ئېلىپسىمان ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، دىئامېتىرى 5000 كىلومېتر كېلىدىغان كەڭ رايوننىڭ ھەر قانداق ئورۇندىكى قۇتقۇزۇش ياردىمىگە چاقىرىش سىگنالىنى قوبۇل قىلالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا پەقەت بىر سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا پۈتكۈل يەر شارى يۈزىنى بىر قېتىم تېزلىكتە چارلاپ چىقالايدۇ.
ئۇنداقتا قۇتقۇزۇش سۈنئىي ھەمراھى قانداق <خىزمەت> قىلىدۇ؟ ئايروپىلان، پاراخوتلار ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، ۋەقەگە ئۇچرىغۇچىلار جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالىنى توختاتماستىن تارقىتىدۇ، ۋەقە يۈزبەرگەن ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ سىگنالنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىگنالنى يەر يۈزىدىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش پونكىتىغا تارقىتىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش پونكىتى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قوماندانلىق قىلىش مەركىزىگە بۇ ئاخباراتنى ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش قوماندانلىق مەركىزى ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى باشلايدۇ.