UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئېغىزنى دورا قۇتىسىغا توغرىلاپ دورا ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن ئېغىزنى دورا قۇتىسىغا توغرىلاپ دورا ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار دورا ئىچكەندە ئاۋارىچىلىكتىن قېچىپ، ئاغزىنى دورا قۇتىسىغا توغرىلاپ <غۇرتۇلدىتىپ> ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس. ئالدى بىلەن دورىنى بۇنداق ئىچكەندە دورىنىڭ ئىچىش مىقدارىنى ئىگىلىگىلى بولمايدۇ. بىمار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر قانداق دورىنى كۆپ ياكى ئاز ئىچىش كېسەلنى ساقايتىشقا پايدىسىز. ئاز ئىچسە ئۈنۈمى بولمايدۇ؛ بەك كۆپ ئىچىۋەتسە، ناچار بولغان قوشۇمچە تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بەزى سۇيۇق دورىلار غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولىدۇ ياكى ئاسانلا زەھەرلەپ قويىدۇ، شۇڭا دورا مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. بەزى سۇيۇق دورىلارنى سۇ بىلەن تەڭشەپ ئىچىكشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇنداق دورىلارنى ئېغىزنى قۇتىغا توغرىلاپ ئىچىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئېغىزنى بىۋاستە دورا قۇتىسىغا توغرىلاپ دورا ئىچكەندە، قۇتىدىكى دورا ئاسانلا ئېغىزدىكى مىكروبلار بىلەن بۇلغىنىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. سۇيۇق دورىلارنى ئىچىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى مۇنداق: دورىنى ئالدى بىلەن دوختۇر بەلگىلەپ بەرگەن مىقدار بويىچە قوشۇققا قۇيۇپ، ئاندىن ئېغىزغا قۇيۇش، ئازراق يىلمان قايناق سۇ ئىچىپ دورىنى تېزدىن ئاشقازانغا ئاپىرىۋېتىش كېرەك. ئادەم بەدىنى سۇيۇق دورىنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، داۋالاش رولىنى تېز ھەم ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالايدۇ. كىچىك دوستلار كىچىك چېغىدىن تارتىپلا تېببىي بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشى، دورا ئىچىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى چۈشىنىشى، ناتوغرا دورا ئىچىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىگەكەلتۈرىدىغان زىيىنىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئېغىزنى دورا قۇتىسىغا توغرىلاپ دورا ئىچىش مۇۋاپىق ئەمەس؟ | UyghurWiki | UyghurWiki