ئايروپىلاننىڭ ھەرىكەتلىنىش ئېنېرگىيىسىنى پار ماشىنىسى تەمىنلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ⅨⅩ ئەسىردە، ئەنگىلىيىلىك ئالىم خېنسون <ھاۋا بوشلۇقى پار ماشىنىسى> دېيىلىدىغان بىر خىل ئايروپىلان لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ لايىھىلىگەن <ھاۋا بوشلۇقى پار ماشىنىسى> نىڭ ئالدى قانات، كەينى قانات، كۆتۈرۈلۈش - قونۇش قاتارلىق قۇرۇلمىلىرى بار ئىدى. ئالدى قانىتىنىڭ تۈزۈلۈشى ھازىرقى زامان ئايروپىلانلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم قانات گەۋدىسى ۋە قانات ياردەمچىسى بار ئىدى، قانات گەۋدىسى توقۇلما تاللىق ماددىلار بىلەن قاپلانغانىدى. <ھاۋا بوشلۇقى پار ماشىنىسى> ئادەمنى ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇشتا زۆرۈر بولىدىغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىغانىدى.
خېنسون نىسبەت بويىچە كىچىكلىتىلگەن بىر مودېلنى ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭغا كىچىك تىپتىكى بىر پار دۋىگاتېلىنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 1845 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى خېنسون ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغان. مودېل بىر يانتولۇقتىن ئۇچۇرۇلغاندا مودېلنىڭ ئىككى چاقپەلىكى پار دۋىگاتېلىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن پىرقىراشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن <ھاۋا بوشلۇقى پار ماشىنىسى> ئاستا - ئاستا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن، ئەمما توساتتىنلا چۈشۈپ كەتكەن.
ئەمەلىيەتتە، <ھاۋا بوشلۇقى پار ماشىنىسى> نىڭ مۇۋەپپەققىيەتلىك بولماسلىقىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب، پار دۋىگاتېلى ۋە پار قازان بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئايروپىلاندا يەنە كۆپ مىقداردا كۆمۈر ئېلىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئايروپىلان قانىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈش كۈچى بەكلا ئاز بولۇپ قالغان. بۇنداق لايىھىلەنگەن <ھاۋا بوشلۇقى پار ماشىنىسى> ھاۋادا مەلۇم ئارىلىققىلا ئۇچالايتتى. ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاكا - ئۇكا رايىتلار تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ بېنزىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋگاتېلنى قوللانغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىنسانىيەت تۇنجى ئايروپىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرالىغان.