UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ساپ ئاق گۈلى بولمايدۇ دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ساپ ئاق گۈلى بولمايدۇ دەيمىز؟

نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ساپ ئاق گۈلىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتساق، سىز چوقۇم: <ئاق گۈللۈك ماگنولىيە، نەشپۈت چېچىكى... قاتارلىقلار ساپ ئاق گۈل ئەمەسمۇ> دېيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ سىزدىكى خاتا چۈشەنچە. كىشىلەر تەجرىبە ئارقىلىق بارلىق ئاق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە ئاق پىگمېنتنى تاپالماي، پەقەت بىر خىل سۇس سېرىق رەڭلىك ياكى رەڭسىز كەلگەن جەزسىمان ماددىلارنى ئايرىپ چىققان. بىراق بۇ خىل ماددىلارنى سۇدا ئېرىتكەندە، رەڭسىز كەلگەن بىر خىل سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ چىققان. ئۇنداقتا، ئاق رەڭىك گۈل قانداق شەكىللەنگەن؟ بىز ئالدى بىلەن گۈل رەڭگىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى بولۇپ تونۇشۇپ چىقايلى. بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ گۈل بەرگىنى يېرىپ قارىساق، گۈل بەرگىنىڭ كەسمە يۈزىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدا خۇددى يوپۇرماقنىڭ يۈزى قەۋىتىدىكى سالاسۇنلۇق توقۇلمىلارغا ئوخشاش زىچ تىزىلىشقان بىر قەۋەت ھۈجەيرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. گۈل بەرگىنىڭ تەركىبىدىكى پىگمېنت (بوياق ماددىسى)دەل مۇشۇ قەۋەتتىكى ھۈجەيرىلەر ئىچىدە بولۇپ، بۇ پىگمېنت قەۋىتى دەپ ئاتىلىدۇ. پىگمېنت قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تىزىلىشى بىر قەدەر شالاڭراق بولىدۇ. ھۈجەيرىلەر ئارىلىقىدا بەزى كىچىك بوشلۇقلار بولۇپ، قۇياش نۇرى گۈل بەرگىنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ، پىگمېنت قەۋىتىنى تېشىپ ئۆتۈپ شالاڭ ھۈجەيرە قەۋىتىگە چۈشۈپ، قايتقاندا، قايتقان نۇر پىگمېنت قەۋىتى ئارقىلىق ئادەمنىڭ كۆزىگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم گۈلنىڭ رەڭگىنى كۆرىدۇ. ئاق گۈلنىڭ پىگمېنت ھۈجەيرىسىدەسۇس سېرىق رەڭ ياكى رەڭسىز سېرىق مىس رەڭ بولغانلىقتىن، قايتقىنىمۇ بىر خىل سۇس سېرىق رەڭلىك رەڭدار نۇردىن ئىبارەت. بۇ خىل رەڭدار نۇرنى ئادەمنىڭ كۆزى ئانچە پەرقلەندۈرۈلمىگەچكە كۆزە بىر خىل ئاق رەڭنىڭ سېزىمىلا بولىدۇ. يەنە ئاق رەڭلىك گۈل بەرگىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى شالاڭ ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا نۇرغۇن ئۇششاق گاز كۆپۈكچىلىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ كىچىك گاز كۆپۈكچىلىرى قىستىلىپ چىقىپ كەتسە، گۈل بەرگىمۇ رەڭسىز سۈزۈك بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە