UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكومپيۇتېر قايسى قىسىملاردىن تۈزۈلگەن؟

كومپيۇتېر قايسى قىسىملاردىن تۈزۈلگەن؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر ئاساسەن ساقلىغۇچ، ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ۋە چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تۈزۈلگەن. <ساقلىغۇچ> كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ئورنى بولۇپ، ھەر خىل پروگرامما، سانلىق مەلۇمات، ھېسابلاش نەتىجىسى قاتارلىق كومپيۇتېرغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ. <ھېسابلىغۇچ> نىڭ رولى ھېسابلاشتۇر. <كونتروللىغۇچ> بولسا كىشىلەر كىرگۈزگەن پروگرامما بۇيرۇقىغا ئاساسەن، كومپيۇتېردىكى ھەر قايسى قىسىملارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، كونترول قىلىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى يۇقىرىقى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ نەچچە مىليون مىكرو ئېلېكترونلۇق دېتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دانە كىچىك كرېمنىي پارچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇ ئۆزەك ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. ئو كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، شۇنداقلا كومپيۇتېرنىڭ <چوڭ مېڭىسى>. كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسى قاتارلىق <كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرى> سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزەلەيدۇ، بۇ خۇددى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى چوڭ مېڭىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەنكە ئوخشاش؛ پرىنتېر، ئېكران قاتارلىق <چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى> ھېسابلاش نەتىجىسىنى چىقىرىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇلار مېڭىمىزدىكى تەپەككۇرنى ئاغزىمىز ئارقىلىق سۆزلىگەنگە، قولىمىز ئارقىلىق يازغانغا ئوخشىشىدۇ. كىرگۈزۈش، چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئادەتتە كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنىسىنىڭ سىرتىغا ئورنىتىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار كومپيۇتېرنىڭ سىرتقى ئۈسكۈنىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە