ھامىلىدار مەزگىلىدە ساياھەت قىلسا (سەپەرگەچىقسا) بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر ھامىلىدار ئاياللار خىزمەت سەۋەبى ياكى ئائىلە سەۋەبلىك دائىم ماشىنا بىلەن بېرىپ - كېلىپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر ھەپتىدىكى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن بولغۇسى ئانىلار خاتىرجەم بولالالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بولغۇسى ئانىلار ساياھەت قىلسا بولىدۇ، ھامىلىدار بولۇپ 14 ھەپتىدىن ئىلگىرى بويىدىن ئاجراش ياكى ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇش خەتىرى ئىنكاسى بولغاچقا، ئادەتتە ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە مۇۋاپىق بولمايدۇ. 28 ھەپتىدىن كېيىن ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەچكە، يەنە ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە مۇۋاپىق بولمايدۇ. شۇڭا، 14 ھەپتىدىن 28 ھەپتىگىچە بولغان جەريان سەپەر قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق. ئادەتتە، ھاۋا راۋان بولمىسا ئوكسىگېن كەم بولۇپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ماشىنىدا ئولتۇرغان ۋاقىت ئەڭ ياخشىسى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، پويىز ماشىنىغا قارىغاندا بىر ئاز ياخشى. ئەلۋەتتە، قاتناش قىستاڭچىلىقى بولىدىغان ۋاقىتتا يولغا چىقماسلىق. ھامىلىدار ئاياللار ئايروپىلانغا چىقسىمۇ بولىدۇ. بىراق بىر ئاز چەكلىمىسى بار، ئادەتتە قىسقا ئارىلىققا ئۇچقاندا، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولۇپ 32 ھەپتە ئىچىدە بولسا بولىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق ئۇزۇن ئارىلىققا ئۇچقاندا، ئەڭ ياخشىسى 18 ھەپتە ئىچىدە ئۇچسا بولىدۇ. ئوتتۇرا ئارىلىققا ئۇچقاندىمۇ 28 ھەپتىدىن 32 ھەپتىگىچە بولغان جەريان ئىچىدە ئۇچۇش. قان كېلىش، بالدۇر تۇغۇش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا خەتەرلىك ئامىللار مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىق. سەپەر جەريانىدىمۇ توختاپ ئارام ئېلىشى، ساياھەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىپ، ئۆزىنى چارچاتماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بارىدىغان يەرنىڭ قانداق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بار بۇنى چوقۇم ئالدىن ئىگىلەپ تۇرۇشى شۇنداقلا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىش كېرەك.