UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇل

بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇل

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار يېشىغا توشمىغان بالىلارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، تېلېۋىزور كۆرۈشكە ئامراق ھەم بوۋاق تېلېۋىزور كۆرسە رەسىم كۆرگەندەك بولىدۇ. تەربىيىۋى رولى بولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر خاتا قاراش. ئالدى بىلەن تېلېۋىزورنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەربىيىسىگە ماس كەلمەيدۇ، بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشتا ھېچقانچىلىك رولى يوق. ئەكسىچە، بوۋاقنىڭ كۆزىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، چوڭلارغا مۇناسىپ بولغان تېلېۋىزور كۆرۈش ئارىلىقى بوۋاقلارغا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بۇ بوۋاقلاردا ئوڭايلا <ئىچ ئالىغاي> نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېۋىزورنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ. گاھىدا كۈچلۈك، گاھىدا ئاجىز بولىدۇ، بوۋاقنىڭ بۇنىڭغا ماسلاشمىقى ناھايتى تەس. تېلېۋىزوردىكى سۈرەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە بوۋاقلار ماسلىشالماي، ئوڭايلا كۆز مۇسكۇللىرى چارچاپ، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە ئالىغايلىقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار تېلېۋىزور كۆرسە بولمايدۇ، بىراق كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بالىلار پروگراممىسىنى كۆرسە، ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇل | UyghurWiki | UyghurWiki