UyghurWiki›نەمە›ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى بىلەن سۈپەتـلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالى بىلەن سۈپەتـلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يېقىنقى يىللاردىكى تەجرىبە ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھامىلە مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق ناچار بولسا، ئېممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولىدۇ ياكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ ئوڭايلىقچە نورمال ھالەتتە بېقىپ ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئۆلچىگەن ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ كېيىن بولۇشى ۋە بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى يېتىلىشى كېيىن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا مەكتەپ يېشىدىكى بەدەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە تەربىيىلەشكە بولغان تەسىرى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققەت - نەزىرىگە ئېلىنماقتا. بىراق، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن. ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى مەلۇم ئەگەشمە كېسەللىكنى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەلۇم بىرخىل ئوزۇقلۇق كۆپ بولۇپ كەتسە، ھامىلىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن