ئانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن بىللە ئۇخلىشى مۇۋاپىقمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئانىلار كېچىدە ئېمىتىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ياكى بوۋىقىغا ئامراقلىقىنى چىقىش قىلىپ دائىم بوۋاق بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلايدۇ. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ نۇرغۇن نامۇۋاپىق ھەم ئىلمىي بولمىغان تەرەپلىرى بار. ئاۋۋال ئانا بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىر كارىۋاتتا ئۇخلىغاندا، ئانا ئادەت خاراكتېرلىك بوۋاققا يېقىن يېتىپ، بوۋاقنىڭ ئۇخلىغاندىكى بوشلۇقىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئاندىن ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ ئارىلىقى بەك يېقىن بولغانلىقتىن ئانا چىقارغان نەپەسنى بوۋاق سۈمۈرۈۋېلىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئانا بىلەن بوۋاق بىللە ئۇخلىغاندا، بوۋاق ئاسانلا ئويغىنىپلا سۈت ئېمىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىپ، شۇنىڭدىن بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغىنى، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى بوۋاقنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنى ئېتىۋېلىپ، بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇشىدىن كېلىشمەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئانا بىلەن بوۋاق بىللە ئۇخلىغاندا، بوۋاقتا يەنە ئېغىر دەرىجىدە ئانىغا يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇستەقىللىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. شۇڭا شارائىت يار بەرسە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئايرىم بىر كارىۋات تەييارلاش كېرەك.