<كۇبىك مىلتىق> نىڭ نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
<كۇبىك مىلتىق> دەپ ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ ئۇ ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى قورال بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي نامى <قوراشتۇرما مىلتىق گۇرۇپپىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئامېرىكىلىق قورال - ياراغ ئۇستىسى ستوننا كەشىپ قىلغان.
ھەر خىل قوراللارغا ئىشلىتىلىدىغان ئوقنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقى، بىر خىل قورالنىڭ ئوقى يەنە بىر قورالغا چۈشمەيدىغانلىقى بىزگە مەلۇم. ئەگەر ئوخشاشمايدىغان مىلتىقلارغا ئوخشاش ئوق ئىشلىتىلمىسە نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە! بىر قېتىم ستوننا بالىلارنىڭ كۇبىك تىزىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: ئەگەر ئوخشاشمىغان دېتاللاردىن بىر قانچە خىل مىلتىق قۇراشتۇرغىلى بولسا، ھەممىسىگە بىر خىل ئوق ئىشلىتىلسە مەسىلە ھەل بولىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئوي كاللىسىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ <مىلتىق گۇرۇپپىسى> نى لايىھىلەشكە كىرىشىدۇ: بۇنداق مىلتىقنىڭ ئادەتتىكى مىلتىققا ئوخشاش ئاساسىي بۆلەكلىرى ۋە كۆپ خىل دېتاللىرى بار. ھەر خىل دېتاللىرى كۇبىكقا ئوخشاش بولۇپ، مەلۇم بىر قانچە خىل دېتالدىنلا بىر ئاپتومات قوراشتۇرۇپ چىققىلى، يەنە باشقا بىر قانچە خىل دېتالدىن كارابىن مىلتىن قۇراشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ دېتاللار ئىشلىتىلسە، يەنە يېنىك پىلىموت، ئېغىر پىلىموت ياكى تانكا پىلىموتى قاتارلىق كۆپ خىل قوراللارنى قۇراشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بىر دانە مىلتىق بىر <گۇرۇپپا> غا ئوخشىشىدۇ.
ئۇنداق بولسا، ستوننانىڭ مىلتىق گۇرۇپپىسىنى ئىشلەتكەننىڭ نېمە پايدىسى بار؟
بىرىنچىدىن، مىلتىق گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق <ئەزالار> نىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، مەشغۇلات قىلىشنى ئوڭايلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، مىلتىق گۇرۇپپىسىدىكى ھەر خىل مىلتىقلارنىڭ كالبىرى بىردەك 56.5 مىللىمېتىر بولۇپ، ئوخشاش ئوق ئىشلىتىلىدۇ، ئوق سەپلەش ۋە تەمىنلەش شەكلىنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، مىلتىق گۇرۇپپىسىدىكى ھەر خىل دېتاللارغا بىر تۇتاش ئۆلچەم قوللىنىلغانلىتىن، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە رېمونت قىلىشىمۇ ناھايىتى ئاسان.