يۇيۇنۇشنىڭ بالىغا قانداق پايدىسى بار؟
نېمە ئۈچۈن
فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇيۇنۇش بىر خىل پايدىلىق بولغان پاكىزلىنىش ھەرىكىتى بولىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل ياخشى ئادەت. پسىخىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇيۇنۇش بىر خىل ئەڭ ياخشى بولغان تېگىش سېزىمىنى مەشىق قىلدۇرۇش پائالىيىتى. يېڭى تۇغۇلغانلار يۇيۇنۇش جەريانىدا پۈتۈن بەدىنى سۇنىڭ ئىللىقلىقنى، لۆڭگە، سوپۇن ۋە چوڭلارنىڭ بىر جۈپ قولىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ غىدىقلىنىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. يۇيۇنغان ۋاقىتتا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىپ، چەينەك بىلەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى سىناپ بېقىشى كېرەك. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 37℃ گرادۇس بولغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. بىراق 10℃ گرادۇسلۇق ئۆيدە يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40℃~38℃ گرادۇسقىچە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئىسسىق - سوغۇققا بولغان ئىنكاسى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن بولۇپ، قايناق سۇدا يارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىنى سۇغا سېلىشتىن ئاۋۋال، لۆڭگىنى بالىنىڭ مۈرىسىگە تاشلاپ، ئىككى قولىنى تىزغا تۇتقۇزۇپ، بالىنى چۆچىتىۋەتمەسلىك؛ بالىنى يۇغان ۋاقىتتا قول ۋە مىكروبسىزلاندۇرۇلغان پاختا ۋە ياكى يۇمشاق لۆڭگە بىلەن بالىنىڭ بەدىنىگە سوپۇن سۈرتۈپ يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن سۈرتۈش؛ يۇيۇشتىن ئىلگىرى بالىنى يالىڭاچلىغاندا ياكى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى يېنىك شاپىلاقلاپ، ئۇنىڭ قورساق، كۆكرەك قىسمىنى، دۈمبە ۋە پۇت - قوللىرىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغانلاردا يۇيۇنۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرمىگەندە، ئۈچ - تۆت ئايلىق بولغاندا يۇيۇنۇشقا ئۇنىمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپ كۈندە يۇيۇپ بەرسە، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سالامەتلىكنى كۈچەيتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ياخشى كەيپىيات ۋە تېگىش سېزىم ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ھەم ياخشى بولغان بىر خىل تەربىيە.