UyghurWiki
UyghurWikiنەمەشەھەرلەردىكى ئېگىز بىنا شامىلى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

شەھەرلەردىكى ئېگىز بىنا شامىلى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن زامانىۋى شەھەرلەردە ئىمارەتلەر بارغانسېرى ئېگىزلىمەكتە، ئەمما سىز مۇشۇ ئېگىز ئىمارەتلەرگە يېقىن بارسىڭىز، شامال غۇرۇلداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. ئۇنداقتا بۇ ئېگىز بىنا شامىلى قانداق پەيدا بولىدۇ؟ بىزگە ئايانكى، شامال ھاۋا ئېقىمىدىن پەيدا بولىدۇ. ھاۋا ئېقىمى ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى قانچە تېز بولسا، شامال كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تۇرۇبىدا ئېقىۋاتقان گاز ياكى سۇيۇق گاز <تار تۇرۇبا ئۈنۈمى> نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. شامال ئېگىز بىنالارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغاندا شامال يۆنىلىشىنى ۋە سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىنانىڭ ئالدى تەرىپىدە ھاۋا ئېقىمىنىڭ بېسىمى چوڭىيىدۇ، بىنانىڭ ئارقا تەرىپىدە ھاۋا ئېقىمىنىڭ بېسىمى كىچىكلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تەرتىپسىز <شىددەتلىك ئېقىم> پەيدا بولىدۇ. شەھەرلەردە بىنالار كۆپ بولغاچقا، ئىمارەت بىلەن ئىمارەت ئوتتۇرىسىدا سانسىزلىغان تەرتىپسىز تار يول پەيدا بولۇپ، مۇشۇنداق شىددەتلىك ئېقىمنىڭ ئىچىدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگىلىدىغان جايغا يولۇققاندا، شامال يۆنىلىشى تېز ئايلىنىش، شامال كۈچى تۇيۇقسىز زورىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ ئەگەر ئويمان شەكىللىك بۇلۇڭغا يولۇققاندا شامال سۈرئىتى ئاستىلىسىمۇ، لېكىن بېسىم كۈچى ناھايىتى چوڭ بولغان يەر يۈزى بورىنى پەيدا قىلىدۇ. ئېگىز بىنا شامىلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنى ئەكەلدى. نۇرغۇن شەھەرلەردە ئېگىز بىنا شامىلى ئادەملەرنى يىقىتىۋەتتى، ماشىنىلارنى ئۆرۈۋەتتى ھەتتا ئىمارەتلەنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شۇڭا، ئېگىز بىنا شامىلىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئىمارەت لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئېگىز بىنا لايىھىلىگەندىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
شەھەرلەردىكى ئېگىز بىنا شامىلى قانداق پەيدا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki