UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا يول مېڭىشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

بالىلارغا يول مېڭىشنى قانداق ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئۆزى مېڭىشنى ئەمدىلا باشلىغان بالىلار گەرچە يول ماڭغاندا دەلدەڭشىپ ماڭسىمۇ، بىراق ماڭغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، قەدەم ئېلىشمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا پۇختا بولىدۇ. يېڭىلا باشلىغاندا دائىم يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش تەس. بالىغا ئۆزى تۇرۇشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، زۆرۈر بولمىغاندا يۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئانا تىنچ، تەبىئىي بولغان پىيادە يولنى تاللاپ، بالىغا ھەمراھ بولۇپ خۇشاللىق بىلەن ئايلانسا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئويۇننى ئوينىسىمۇ بالىغا يول مېڭىشىنى ئۆگىتىشكە پايدىسى بار. بالىغا يول مېڭىشنى ئۆگىتىشنىڭ ئۇسۇلى: 1. ئانىنىڭ پۇتى ئۈستىدە ماڭدۇرۇش، ئانا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى تۇزلەپ، بالىنى پۇتىدا تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئالدىغا قاراپ ماڭدۇرۇش، ئانىنىڭ يۇپيۇمىلاق پۇتى ئەلۋەتتە بالىنىڭ مېڭىشىغا ئەپسىز. بىراق دەلدەڭشىپ مېڭىپ يۈرۈپ، تەبىئىيلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. 2. ئانا بىلەن بىللە ئات مىنىش ئويۇنى ئويناش. ئانا دۈم بولۇپ، بالىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈش، ئاندىن يۇقىرى - تۆۋەن لىڭىشتىش. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم بالا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. ئادەتلەنگەندىن كېيىن بالا قانداق قىلسا تەڭپۇڭ بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا مۇستەھكەم ئولتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئانا ئاستا - ئاستا بەدىنىنى سەل ئېگىزلىتىپ ئۆمىلەپ بېرىشى كېرەك. 3. توپ ئويناش. سۇلياۋدىن ياسالغان توپلار يېنىك بولۇپ، بالىلارنىڭ ئوينىشىغا مۇۋاپىق. بالا قۇچاقلاپ تۇرالايدىغان توپنى تەييارلاپ، ئۇنىڭغا توپنى قۇچاقلاپ ماڭغۇزۇش ياكى كەڭرى كەتكەن يەردە ئۆزى ئىختىيارى بويىچە توپنى تاشلاپ ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. 4. توپ كىرگۈزۈش ئويۇنىنى ئويناش. بىر قانچىلىك توپلارنى تەييارلاپ، بالا بىلەن توپ ئېتىپ، كىرگۈزۈش ئويۇنى ئويناش، دەسلەپتە بالا تېخى نىشانىنى ۋە سالمىقىنى ئىگىلەپ بولالمىغاچقا ئاۋۋال ئۇنىڭغا توپنى ساندۇققا سېلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىش. بەزىدە توپ ئېھتىياتسىزلىقتىن سېۋەتتىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ توپ تاشلاش قىزىقىشىنى تېخىمۇ بەك قوزغايدۇ. 5. شارنى قويۇۋېتىش. شارنى پۈۋلەپ ئاستا - ئاستا چوڭايتىش كېرەك، بالا بۇنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. پۈۋلەپ چوڭايتقان شارنى بالىغا ئوينىغىلى بەرسىمۇ بولىدۇ، پۈۋلىگەن شارنى قويۇۋەتسىمۇ بولىدۇ ياكى بالىغا بېرىپ، شارنى بالا قويۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. 6. ئارقىسىغا قايتىپ ماڭالامدۇ — يوق. بىر سىزىق سىزىپ، بالىنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭدۇرۇش ياكى توغرىسىغا ماڭدۇرۇش. بىراق بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغىنى ئارقىچە مېڭىش. دەسلەپتە ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەربىر قەدەم ماڭغاندا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارشى مۇمكىن. ئانا ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ، كىمنىڭ ئاۋۋال ئاخىرقى نۇقتىغا باردىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ. 7. پومىزەك تېپىپ ئويناش، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر پۇتى بىلەن نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ئىنتايىن تەس. ئانا ئاۋۋال ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بىرەر نەرسىنى تېپىدىغان ھەرىكەتتىن باشلاپ، ئاندىن بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئۆرە تۇرۇپ تېپىشنى، بىر تەرەپتىن مېڭىپ بىر تەرەپتىن تېپىشىنى ئۆگىتىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە