UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بېلىق توپلىشىپ ئۇزۈپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بېلىق توپلىشىپ ئۇزۈپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىزلاردا، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان بېلىقلارنىڭ بېلىقلار توپىنى ھاسىل قىلىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. توپلىشىپ يۈرىدىغان بېلىقلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بېلىق توپىنىڭ ئالدى قاتارى بىلەن كەينى قاتارى بىر - بىرىگە ناھايىتى رەتلىك كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بېلىق توپىنىڭ تىزىلىشىنىڭ بېلىقلارغا قانداق پايدىسى بار؟ ئالدىنقى قاتاردىكى بېلىقلار ئۈزگەندە، كەينىدىكى سۇ ئېقىنىنى ئالدىغا باشلايدىكەن، ئارقا رەتتىكى بېلىقلار مۇشۇ ئېقىنغا كىرىۋالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بەدىنى سۇ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ئالدىغا ئىلگىرىلەيدىكەن - دە، ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايدىكەن. ئۈچىنچى، تۆتىنچى رەتتىكى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى رەتتىكى بېلىقلارمۇ ئالدىنقى رەتتىكى بېلىقلار پەيدا قىلغان سۇ ئېقىنىنىڭ ئالدىغا ئېقىش كۈچى بىلەن ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئالدىغا قاراپ ئۈزىدىكەن. قىرىقارلىق يېرى شۇكى، بېلىقلار توپى ئۈزۈپ كېتىۋېتىپ، مۇئەييەن ۋاقىتتا، ئالدىنقى رەتتىكى بېلىقلار كەينىدىكى رەتكە، كەينىدىكى رەتتىكى بېلىقلار ئالدىنقى رەتكە ئالمىشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ھەممە بېلىق كۈچىمەيلا ئۈزۈش پۇرسىتىگە ئوخشاش ئىگە بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە