UyghurWiki
UyghurWikiنەمەۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەل خىلمۇخىل ۋىرۇسلارنىڭ يۇقۇملىنىشى ئارقىلىق پەيدا بولغان مېڭە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل كېسەل ھەريىلى 7 -، 8 - ئايلاردا قوزغىلىدۇ، ۋىرۇس يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاق ھاۋارايىدا ناھايىتى ئوڭايلا كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا قاتتىق ئىسسىغاندا بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمىكى، ئارام ئېلىشىمۇ تەرتىپلىك بولمايدۇ. بۇ بەدەندىكى ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق بولغاندا ۋىرۇسلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى ئوڭايلا بەدەن ئىچىگە كىرىپ، ۋىرۇس ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋىرۇس بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن قانغا كىرىدۇ. ئارقىدىنلا بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەلۋەتتە مېڭە فۇنكسىيىلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ ياكى ۋىرۇسلار بىۋاسىتە ھالدا مېڭە فۇنكسىيىلىرىگە كىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنى قوزغايدىغان ئاساسلىق ۋىرۇسلار خېساچ ۋىرۇسلىرى، قوقاق ۋىرۇسى، يەلتاشما ۋىرۇسى، يۇلۇن كۈل رەڭ پوستلاق ياللۇغى ۋىرۇسى، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى ۋىرۇسى، تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki