UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل بولۇپ، ئوخشىمىغان سەۋەبلەرگە ئوخشىمىغان كۈتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئاۋۋال تاشقى كېسەللىكلەر خاراكتېرلىك كېسەللەر مەسىلەن: تۇغما غەلىتىلىك يەنى ئۈچەي يولى پۈتەي، ئۈچەي ئىنچىكە، تۇغما زور بوغماق ئۈچەي، تۇغما مەقئەت يوق بولۇش، توققۇزكۆزدىكى ئومۇرتقا پەردىسى كېڭىيىش، ئۆسمە ئات قۇيرۇق قىسمى نېرۋىسىنى بېسىۋېلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قەۋزىيەت، دائىم ئېغىر قۇسۇش ۋە قورساق كۆپۈش بىللە كېلىدۇ، ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى ۋە قەۋزىيەت ئانا سۈتىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئۇنداق بوۋاققا ئېمىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ياكى تەييارلانغان سۈت قوشۇپ بېرىش، ئەگەر بوۋاقنىڭ قەۋزىيىتى سۈنئىي بېقىشتا سۇ تەركىبى كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۇنداقتا ئىككى قېتىملىق سۈت ئىچكۈزۈشنىڭ ئارىلىقىدا مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ بېرىش، يەنە قايناق سۇغا ئاز مىقداردا گلۇكوزا ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش لېكىن قويۇقلۇقى دەل جايىدا (تەخمىنەن 5%~8% تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى) بولۇشى لازىم. تۆۋەن قەنتلىك تەييارلانغان سۈت پاراشوكىنىڭمۇ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بار. ئۇنىڭدىن سىرت ھەر كۈنى بوۋاقنىڭ قورسىقىنى سائەت ئىسترېلكسىنىڭ ئوڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلاپ بېرىشنىڭمۇ قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا ياردىمى بار.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى قانداق كۈتۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki