UyghurWiki
UyghurWikiنەمەساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇتنى ئۆزى تۇغقىلى بولامدۇ؟

ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇتنى ئۆزى تۇغقىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلە تېنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئىچىدە باش ئەڭ چوڭ، مۈرىسى كىچىك بولسا ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت ئاز كۆرۈلىدۇ. باش ئاۋۋال كۆرۈنسە، باشنىڭ چىقىشى بىلەن بەدىنىنىڭ باشقا ئەزالىرى ناھايىتى ئوڭايلا تۇغۇلىدۇ. ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، بالا تۇغۇلىدىغان ۋاقىتتا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلسا، ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇتنىمۇ ئۆزى تۇغقىلى بولىدۇ. بىراق، ھەرقانداق تەتۈر تۇغۇتنى ئۆزى تۇغقىلى بولمايدۇ. ئەگەر داس سۆڭەك تار بولمىسا، ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 3500 گرامدىن ئاز بولسا، ھامىلە بېشى يۇقىرىغا قالغان بولسا، ياردەمچى دوختۇرلار تۇغۇتقا ياردەم بەرسە ياكى تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۇغسا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغقىلى بولىدۇ. ئەگەر داس سۆڭەك تار، بالا بەك چوڭ، ھامىلىدار ئايالنىڭ يېشى 35 دىن يۇقىرى بولسا ھەم قىيىن تۇغۇت تارىخى بولسا ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇتنى ئۆزى تۇغقىلى بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki