UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھۆركىرىگەك مايمۇن نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق ھۆركىرەيدۇ؟

ھۆركىرىگەك مايمۇن نېمە ئۈچۈن شۇنچە قاتتىق ھۆركىرەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئامازۇن يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا، تۈن پەردىسى يېيىلىشى بىلەن تەڭ ئەتراپنى تىتىرىتىدىغان بىر خىل ھۆركىرىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بۇ خىل ئاۋاز ئىنتايىن ياڭراق بولۇپ، بىر يېرىم كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىدۇر. ئۇنىڭ نامىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن قويۇلغان. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ بوينى ناھايىتى چوڭ بولۇپلا قالماي، ئېغىزى بىلەن ئېڭىكىمۇ بەك چوڭ. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ ئەنە شۇنداق يۇقىرى ئاۋازدا ھۆركىرەلىشىدىكى سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ بوغۇزىدا بىر پارچە ئالاھىدە تىل سۆڭىكى بولۇپ، بۇ تىل سۆڭەك بىر خىل ئەكس سادا ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن ئەتراپنى تىترىتەلەيدىغان ئاۋاز چىقىرالايدۇ. ھۆركىرىگەك مايمۇن نېمە ئۈچۈن ھۆركىرەيدۇ؟ بەزىلەر ھۆركىرىگەك مايمۇن دۈشمەنلىرىنى قورقۇتۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭمۇ باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ زېمىن تەۋەلىكى بولىدۇ. ئۇ باشقا ھايۋانلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ زېمىن تەۋەلىكىگە بىرەر دۈشمەن باستۇرۇپ كىرمەكچى بولسا ياكى ياتلار يېقىنلاشماقچى بولسا، ئەركەك ھۆركىرىگەك مايمۇن قاتتىق ھۆركىرەش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ بەىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرغا يەتمەيدۇ، لېكىن قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇلار جەنۇبىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان مايمۇنلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مايمۇن دېيىشكە بولىدۇ. ھۆركىرىگەك مايمۇننىڭ بەدىنى قويۇق تۈكلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ تۈكلىرى قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ۋە نۇر چۈشۈش نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېشىل، قوڭۇر، قىزىل دېگەندەك ھەر خىل رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە