UyghurWiki
UyghurWikiنەمەزىراپە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋانمۇ؟

زىراپە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋانمۇ؟

نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى نەچچە مىڭ خىل ھايۋان ئىچىدە زىراپىنىڭ بويى ھەممىدىن ئېگىز. زىراپە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ياشايدۇ. ئۇلار كەڭ قۇرغاق رايونلاردا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى. يېتىلگەن ئەركەك زىراپىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە بەش مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى ئالاھىدە چوڭ ئەركەك زىراپىلەرنىڭ بويى ئالتە مېتىرغا يېتىدۇ. زىراپىنىڭ بوينى نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، زىراپىنىڭ ئۆزگىچە بەدەن شەكلى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق رىقابىتى ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بەزى ئالىملار «تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق چېكىنىشتىن ساقىلىنىش» نەزەرىيىسى ئارقىلىق زىراپىنىڭ ئېگىز بولۇشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: زىراپىنىڭ ئەجدادى ئوت - چۆپسىز يېرىم قۇملۇق رايونلاردا ياشىغان بولغاچقا، ئۇلار ھاياتلىق ئۈچۈن بوينىنى تازا سوزۇپ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، زىراپىنىڭ بوينى بارغانسېرى ئۇزىراپ، ئاخىر بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن. يەنە بەزى ئالىملار زىراپىنىڭ ئېگىز بولۇشىنى تەبىئىي شاللىنىش نۇقتىئنەزىرى بويىچە مۇنداق چۈشەندۈرگەن: زىراپىنىڭ ئەجدادلىرى پۈتۈنلەي ئېگىز بويمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدا مۇئەييەن پەرق مەۋجۇت. زىراپىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغاندا، بوينى ئۇزۇنلىرى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەپ ھايات قالغان، بوينى قىسقىلىرى بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. تەبىئەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك شاللىشى نەتىجىسىدە، بوينى ئۇرۇن زىراپىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ بۈگۈنگىچە كەلگەن. قىسقىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە