يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سىرتقى قۇلاق يولىـدىكى چىيقاننىڭ قانداق ئىپادىسى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇستىخىنى مۇكەممەل يېتىلمىگەنلىكتىن كۆمۈرچەكلىرى يۇمشاقراق، قۇلاق يولى تار، قۇلاق زەردابىنىڭ ئېقىشى راۋان بولمىغانلىقتىن باش سۈيى، تۆكۈلگەن ئېپىتېلىيە، ياغ بېزى ئاجراتمىلىرى، كۆز يېشى، قۇسقان ماددىلار، يۇغاندىكى سۇ قاتارلىقلارنىڭ قۇلاق ئىچىدە تۇرۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىرتقى قۇلاق يولىدىكى چىيقاننى شەكىللەندۈرىدۇ. سىرتقى قۇلاق يولىدا چىيقان پەيدا بولغان بوۋاقلارنىڭ قۇلىقى قاتتىق ئاغرىيدۇ، دائېملىق ئىپادىسى: يىغلاپ توختىماسلىق، بەزىدە قىزىشمۇ بىللە كېلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سىرتقى قۇلاق يولىدىن يىرىڭ ئاققاچقا، سىرتقى قۇلاق يول قىزىرىپ ئىششىشتىن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. سىرتقى قۇلاق يولى چىيقىنى ئادەتتە ئۈزۈمسىمان باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىپ پېنىتسىللىن بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ. ئەگەر يىرىڭ پىشقان بولسا، كېسىپ ئاقتۇرۇۋەتسە، نەچچە كۈندىن كېيىن ساقىيىدۇ