UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبەش ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قانداق تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

بەش ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قانداق تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا بوۋاققا تەييارلاپ بەرگەن قوشۇمچە يېمەكلىكتىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ: 1. كۆكتات گۈرۈچ ئۇمىچى. يازلىق يېسىۋىلەك (مەسىلەن: پالەك، يازلىق يېسىۋىلەك) تىن ئازراق ئېلىپ، پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق چاناش. تېرىق (ياكى گۈرۈچ) دىن ئىككى كىچىك قوشۇق ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، سوغۇق سۇغا بىر - ئىككى سائەت چىلاپ قويۇش. ئاندىن قازانغا 150 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ، سۇس ئوتتا 40 ~ 50 مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن تەييارلانغان كۆكتاتنى سېلىپ يەنە ئون مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ ئاز مىقداردا چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك مېيى قوشسىلا بولىدۇ. 2. بېلىق بوتقىسى. بېلىق قاسىرىقىنى ھەم ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلاپ پاكىز يۇيۇۋېتىپ، سۇ قويۇپ سۇس ئوتتا پىشۇرۇپ، قىلتىرىقلىرىنى ئايرىۋەتكەندىن كېيىن يۇمشاق ئېزىۋەتسىلا بولىدۇ. يەنە شوۋىگۈرۈچ بىلەن قوشۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۈچ ~ بەش كۈن ئاتلاپ بىر قېتىم بەرسە بولىدۇ. بېلىق گۆشى ئاقسىلى تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن ئانا سۈتىدىكى لاكتالبۇمىن تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن ئوخشايدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ھەمدە ئىشلىتىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى، بوۋاقنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. ③ ئېزىلگەن شوخلا ئۈگرىسى. ئىنچىكە كەسمە چۆپنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىنىدۇ. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ (ياكى شورپا) قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن توغرالغان كەسمە چۆپنى سېلىپ، ئاندىن بىر چوڭ قوشۇق شوخلا قىيامى قوشۇپ، چۆپ يۇمشىغىچە پىشۇرسا بولىدۇ. بەش ئايلىق بوۋاقلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى تاماق تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. 00:6 ئانا سۈتى. 00:10 ئاۋۋال شوۋىگۈرۈچ ياكى كۆكتات شوۋىگۈرۈچىدىن شورپا قوشۇقىدا تۆت قوشۇق، ئارقىدىن ئانا سۈتى. 00:12 ئانا سۈتى. 00:15 تۇخۇم سېرىقى بوتقىسى، بېلىق بوتقىسى ياكى ئېزىلگەن ئۈگرە. 00:17 ئانا سۈتى. 00:21 ئانا سۈتى. ئۇنىڭدىن سىرت ھەر قېتىملىق سۈت ئېمىتىش ئارىلىقىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان قايناق سۇ، سوغۇق قايناق سۇ، ھەرخىل مېۋە شەربەتلىرىنى قوشۇپ بەرسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بەش ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەر قانداق تەييارلاپ بېرىلىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki