UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا قەرەللىك ھالدا چىش تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارغا قەرەللىك ھالدا چىش تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ چىشىنى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرغاندا ئۇلارنىڭ چىش كېسەللىرىنى بالدۇر بايقىغىلى ھەمدە داۋالاپ چىش چىرىش ۋە باشقا چىش كېسەللىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاتا - ئانا ھەرگىزمۇ سۈت چىشى بۇزۇلسا ھېچۋەقەسى يوق دەپ قارىماسلىق، چۈنكى چىش بىر زەخىملەنگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ. چىش باكتېرىيىسى دېغى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدىغان باكتېرىيە خاراكتېرلىك نېپىز پەردە بولۇپ، چىشنىڭ چىرىشى ۋە چىش ئەتراپى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. بوۋاقتا ئەگەر سۈت چىشى كەملىك كۆرۈلسە ۋاقتىدا چىش بوشلۇقلىرىنى ساقلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، بولمىسا تۇراقلىق چىشنىڭ چىقىشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر تەتۈر ئېڭەك، چىش قاتىرى تىقما - تىقماق بولۇش، ئورنى خاتا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسىمۇ بالدۇر ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىگە داۋالىتىپ، تېزراق تۈزەش كېرەك. قەرەللىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاتا - ئانىنىڭ بۇرۇنراق يۇقىرىقىدەك چىش كېسەللىكلىرى بار - يوقلۇقىنى بايقىشىغا ياردەم قىلغىلى، ھەمدە ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ياكى داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا نۆل - ئىككى ياشلىق بوۋاقلارنى ھەر ئىككى - ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش، ئىككى - يەتتە ياشلىقلارنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە