نېمە ئۈچۈن تېلېفون ئۇرغاندا بەزىدە گاژىلدىغان ئاۋاز پەيدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئېھتمال كىشلەر مۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن. چوڭ زاللاردا يىغىن ئېچىلغاندا ياكى تىياتىرخانىدا ئويۇن كۆرگەندە، بەزىدە كانايدىن قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان سەت ئاۋاز چىقىدۇ. بۇ، ئاۋاز چوڭايتىش ئۈسكۈنىسىدىكى كۈچەيتكۈچىنىڭ يۇقىرى تەڭشىۋېتىلىشى بىلەن ئاۋاز چوڭايتىش ئەسۋابىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تىترەپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولغان. تېلېفون ئۇرغاندا، بەزىدە تېلېفوننىڭ تۇرۇبكىسىدىنمۇ مۇشۇنداق ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بۇ، تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئاۋاز كۈچەيتىش يولىدا ئۆزلۈكىدىن جىغىلداش يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان.
تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئاۋاز كۈچەيتىش يولىدا ئۆزلۈكىدىن تىترەش پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. تېلېفون ئاپپاراتىدىكى بەزى زاپچاسلار ئاجراپ كەتسە، بۇزۇلسا، تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئاۋاز كۈچەيتىش يولىنىڭ نورمال ئىشلەش شارائىتى بۇزۇلىدۇ، نەتىجىدە ئاۋاز كۈچەيتىش يولىدا تىترەش پەيدا بولىدۇ. تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئاۋاز يەتكۈزۈش زاپچىسى، ئاۋاز قوبۇل قىلىش دەرىجىسى زىيادە سەزگۈر بولغاندا، ئەتراپتىكى ئاۋاز، سىلكىنىش، ئېلېكتر ئەسۋابى قاتارلىقلارنىڭ دەخلىسىگە سەل ئۇچرىسىلا، ئاۋاز كۈچەيتىش يولىدا ئۆزلۈكىدىن تىترەش ھاسىل بولىدۇ ۋە گاژىلدىغان ئاۋاز پەيدا بولىدۇ.
ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننىڭ ئېلېكتر كابېل لىنىيىسى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ سىم يولىدا بۇزۇلۇش ھاسىل بولۇپ، ئاۋاز سىگنالى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئاۋاز كۈچەيتىش ئەسۋابىنى سەپلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، ئاۋاز سىگنالىنىڭ يىراق جايلارغا تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئاۋاز كۈچەيتكۈچىنىڭ ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، تېلېفون ئاپپاراتى جىغىلداپ گاژىلدىغان ئاۋاز پەيدا بولىدۇ.
تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ جىغىلدىشى تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن تېلېفوندىن گاژىلدىغان ئاۋاز ئاڭلانغان ھامان سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك.