نېمە ئۈچۈن بىر تۈپ فىكوس دەرىخى ئورمان ھاسىل قىلالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئورمان نۇرغۇن دەرەخلەرنىڭ بىللە ئۆسۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بىر تۈپ دەرەى ھەرگىز ئورمان ھاسىل قىلالمايدۇ.
فىكوس دەرىخى ئۇنىڭغا ئوخشاشمايدۇ، بىر تۈپ فىكوس كۆچىتى بىر قانچە يىل ئۆسكەندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەندە بىر پارچە قويۇق فىكوس شەكىللەندۈرىدۇ. ھىندىستاندىكى بېنگالدا بىر تۈپ فىكوس دەرىخىنىڭ باراقسىنى بىر گېكتار ئۆپچۆرىسىدىكى يەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سايىسىدە 10 مىڭ ئادەم سالقىنلىيالايدىكەن.
فىكوس دەرىخى ئۆسۈش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخ تۈرى، ئۇنىڭ غۇلى ۋە شاخلىرىدا ناھايىتى نۇرغۇن قوۋزاق تۆشۈكچىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ھاۋا يىلتىزلىرى ئۆسۈپ چىقىپ، خۇددى تۇتام - تۇتام ساقاللاردەك پەسكە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. بۇ ھاۋا يىلتىزلىرى تۆۋەنگە قاراپ ئۆسۈپ، تۇپراققا تېشىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆسۈپ، يوغىناپ، ئاخىرىدا تىرەك يىلتىزلارغا ئايلىنىدۇ. تىرەك يىلتىزلار شاخلىمايدۇ، يوپۇرماقمۇ چىقارمايدۇ، لېكىن ئۇلار سۇ ۋە ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈش رولىغا ئىگە. شۇنداقلا يەنە ئۇلار ئۈزلۈكسىز سىرتقا قاراپ كېڭىيىۋاتقان شاخلارغا تىرەك بولۇپ، دەرەخ باراقسىنىنى بارغانسېرى كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئادەتتە بىر تۈپ قېرى فىكوس دەرىخىنىڭ تىرەك يىلتىزلىرى 1000 نەچچىگە، دەرەخ باراقسىنىنىڭ كۆلىمى 6000 كۋادرات مېتىردىن كۆپرەككە يېتىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى فىكوس دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىلھامى بىلەن فىكوس دەرىخنى تەشتەككە تىكىپ، ئۇنىڭ ھاۋا يىلتىزلىرىنى يېتەكلەش ۋە دەرەخ باراقسىنىنى قايچىلاپ شەكىلگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىغا خاس ئالاھىدىلىكىككە ئىگە تەشتەك مەنزىرىسىگە ئايلاندۇۇرپ، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈردى