بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ياخشى ئادەتنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك، پەقەت كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرگەن ئادەتلا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان، تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش لازىم. بالىلار 18 ئايلىق بولغاندا، ئۇنىڭغا قول، يۈزلىرىنى ئۆزى يۇيۇشنى ۋە سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارغا نېمىشقا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاخشىمى يېتىشتىن ئاۋۋال يۈز، قوللىرىنى يۇيىدىغانلىقىنى، تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە تازىلىققا رىئايە قىلمىسا ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى شۇنداقلا ئاتا - ئانىلار بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەر قېتىم يۈز، قوللىرىنى يۇغاندا، بالىنى چاقىرىپ، بالا بىلەن بىرلىكتە يۇيۇش ۋە ئۆزئارا نازارەت قىلىشى كېرەك. دەسلەپ باشلىغان ۋاقىتتا، بالىلار كىيىملىرىنى مەينەت قىلىپ، سۇنى ھەممە يەرگە چېچىۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار بالىلارنى ئەيىبلىمەي، ئۇنى ماختاپ: <قوزام ناھايىتى ياخشى، ئۆزىنىڭ قولىنى ئۆزى يۇدى> دېيىش كېرەك، مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇشلار ئارقىلىق، بالىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.