يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۆكرەك ئايلانمىسى قانچىلىك؟
نېمە ئۈچۈن
كۆكرەك ئايلانمىسى كۆكرەك ئالدى قىسمى ئەمچەك توپچىسى ئاستىنى بويلاپ كۆكرەك قىسمىنى بىر ئايلاندۇرۇپ چىققاندىكى ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. كۆكرەك ئايلانمىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئۆپكە، كۆكرەك قەپىزى سۆڭىكى، مۇسكۇل ۋە ماينىڭ يېتىلىش ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھامىلە تۇغۇلغاندا كۆكرەك ئايلانمىسى تەخمىنەن 32 سانتىمېتىر بولۇپ باش ئايلانمىسىدىن 1 ~ 2 سانتىمېتىر كىچىك بولىدۇ. كۆكرەك ئايلانمىسى بىر يىلدا ئوتتۇرىچە ھېسابتا 12 سانتىمېتىر چوڭ بولىدۇ. بىر ياشتا تەخمىنەن 44 ~ 46 سانتىمېتىر، ئىككى ياشتا 46 ~ 48 سانتىمېتىر بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بوۋاق بىر ياشقا توشماستا باش ئايلانمىسى كۆكرەك ئايلانمىسىدىن چوڭىيىپ، بىر ياشتا كۆكرەك ئايلانمىسى بىلەن باش ئايلانمىسى تەڭلىشىدۇ، بىر ياشتىن كېيىن كۆكرەك ئايلانمىسى بارا - بارا باش ئايلانمىسىدىن ئېشىپ، ياشلىق دەۋرىگە يېتىشتىن ئىلگىرى كۆكرەك ئايلانمىسىنىڭ باش ئايلانمىسىدىن ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن بالىنىڭ يېشىدىن بىرنى ئېلىۋەتكەنگە باراۋەر كېلىدۇ. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كۆكرەك ئايلانمىسىنى ئۆلچەشتە ياتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش يەنى بالىنى كارىۋاتتا تۈز ياتقۇزۇپ ئىككى قولىنى ئەركىن تەكشى قويۇپ، يۇمشاق مېتىرنى ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئاستى قىسمىغا مۇقىملاشتۇرۇپ، تېرىگە چىڭ تەگكۈزۈپ، ئىككى تاغاق سۆڭەكنىڭ ئاستىدىن كۆكرىكىنى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقساق بولىدۇ. ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئىككى قولنى تۆۋەنگە ئەركىن تاشلاتقۇزۇپ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆلچەيمىز.